مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر نىيەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىنىڭ يەتتە يىللىقى پەيتىدە

2021.04.29 15:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يەر جاھان كۆكەرگەن، قۇشلار سايراپ تۇرغان، يېشىللىق كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان يەنە بىر گۈزەل باھار يېتىپ كەلدى. ھەر قېتىم مۇشۇ پەيتتە، ھامان بىر خىل ھېسسىيات قەلبلەرنى تۇتاشتۇرىدۇ، بۇ، چەكسىز چوڭقۇر غەمخورلۇق، شۇنداقلا، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

  2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چەكسىز چوڭقۇر، مېھىر - مۇھەببىتى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ئېلىپ، شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈن تەدبىر تۈزدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندى، چەكسىز ئىللىقلىق ھېس قىلدى.

  يەتتە يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.

  كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە بۇ تۇپراق يېڭى كەيپىياتقا تولدى! بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن تاپشۇرۇقى رېئاللىققا ئايلانماقتا.

  يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ تۇپرىقىغا ۋە ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ، بۇنىڭغا نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى.

  شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان تۆت كۈن ۋاقىتتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغىچە، يەرلىكتىن بىڭتۇەنگىچە، باش شۇجى كەنت، مەھەللىلەرگە كىردى، كارخانىلارنى ئارىلىدى، مەكتەپلەرنى كۆردى، قىسىملارغا كىردى، كادىرلار، ئاممىنى يوقلاپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر، خەلق ساقچىلىرىدىن ھال سورىدى، تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، كەلگۈسىنى پىلانلىدى.

  باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇش كېرەك. بۇ، ھازىر شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش نىشانى.

  بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات سەھىپىسىنى ئاچتى.

  شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئىگىلەشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 2 - قېتىملىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، بىر قاتار تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى. پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، بارلىق خىزمەتلەر باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلىنىپ، ئالغا سىلجىتىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.

  دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى سىجىل كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلىدى.

  − پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى قۇرۇپ چىقتى؛

  − زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى كۈچەپ يوقاتتى؛

  − ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسنى مۇستەھكەملەش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار كۆڭۈل قويۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاممىغا ياردەملىشىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇردى، مۇجەسسەملىدى؛

  ...

  بىر قاتار پۇختا، ئۈنۈملۈك بىرىكمە مۇشت شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇش ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدا ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، جىنايى ئىشلار دېلوسى، ئامانلىق دېلوسى، خەۋپسىزلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلوسى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەسى زور دەرىجىدە ئازايدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

  مۇقىم، ئىناق بولغان جەمئىيەت مۇھىتى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى، كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئۇلار تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش ياراتماقتا.

  ئۆستەڭنىڭ سۈيى نېمىشقا بۇنچە سۈزۈك؟ بۇنىڭغا زەن سېلىپ قارايدىغان بولساق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇش پىلانىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقى، تەسىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايمىز.

  يەتتە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىڭ ئارقىسىغا باش شۇجىنىڭ بۇ تۇپراققا بولغان ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان پەۋقۇلئاددە غەمخورلۇقى سىڭگەن، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش نىشاننى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچى ئويۇلغان، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتەك كۈرەش قىلىش قىزغىنلىقى مۇجەسسەملەنگەن. ئىناق، تىنچ، تەرتىپلىك بولغان شىنجاڭ سېھرىي كۈچكە تولغان بولۇپ، كىشىنى ئالاھىدە مەپتۇن قىلىدۇ!

  خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆڭلىگە پۈكتى. شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى ھەربىر جايغا بارغاندا، ھەربىر سۆھبەت يىغىنى ئاچقاندا، تەرەققىياتنى سورىدى، ئىسلاھات ئۈستىدە توختالدى، خەلق تۇرمۇشىنى سۆزلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىيات يەنىلا شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، جەزمەن ھەقىقىي تۈردە ياخشى تۇتۇش كېرەك. تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يەتتە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئالتاي تېغى ئېتىكىدىن پامىر ئېگىزلىكىگىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىن تۇرپان ئويمانلىقىغىچە ھەممىلا يەردە ھاياتىي كۈچ جۇش ئۇردى، تەرەققىياتنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى كۆپلەپ بارلىققا كەلدى.

  ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى − پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۆمۈريول تىجارەت تىرانسپورت مۇساپىسى 7437 كىلومېتىرغا يەتتى، تاشيول قاتناش مۇساپىسى 210 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، پۇقراۋى ئايرودۇرۇم ئومۇمىي سانى 22گە يەتتى، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىدا قاينام - تاشقىنلىققا تولغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى؛

  ئېچىۋېتىش قەدىمى بارغانسېرى تېزلەشتى − «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى ھاياتىي كۈچىنى سىجىل قويۇپ بەردى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا نەتىجىلەر مول بولدى؛

  گۈزەل شىنجاڭنى ساياھەت قىلغۇچىلار تېز كۆپەيدى − ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى ئۇدا 100 مىليون، 150 مىليون، 200 مىليون ئادەم قېتىمنى بۆسۈپ ئۆتتى؛

  ھەربىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار شىنجاڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى پۇختا قەدىمىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە خاس ئەۋزەل كەسىپلەر داۋاملىق يېتىلدۈرۈلۈپ، زورايتىلىپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، نانچىلىق، ساياھەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلەر كۆرۈنەرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىندى؛ ئىسلاھات سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئېچىۋېتىش كېڭەيتىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات پائال ئالغا سىلجىتىلدى؛ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۇچقاندەك ئالغا سىلجىتىلىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتى كۈنسايىن يېڭىلاندى؛ قۇم، سۇ زور كۈچ بىلەن تىزگىنلىنىپ، ئورمان، ئوتلاق قوغدالدى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى سىجىل ياخشى قىلىندى، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولدى.

  يەتتە يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بېرىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى كۈچ قوشتى.

  ئاپتونوم رايون ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن جەمئىي 2 مىليون 330 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 14 مىليون 330 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان 1 مىليون 558 مىڭ بالىنىڭ يەسلىگە «كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق كىرگۈزۈلدى»، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى؛ ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش يولغا قويۇلۇپ، تۆت يىلدا جەمئىي 70 مىليون 810 مىڭ ئادەم قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتتى؛ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانى يولغا قويۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

  2020- يىلىنىڭ ئاخىرى، ئەڭ ئاخىرقى 165 مىڭ 800 نامرات نوپۇسنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى، ئون نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ 772 مىڭ 500 ئائىلىدىكى 3 مىليون 64 مىڭ 900 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، 1000 يىلدىن بۇيان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلدى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش يېڭى مۇساپىسىدە تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىلدى.

  سان - ساناقسىز جاپا - مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، قۇمدىن ئالتۇن سۈزگىلى بولىدۇ.

  بۈگۈنكى شىنجاڭدا، تەرەققىيات تومۇرى كۈچلۈك سوقۇۋاتىدۇ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەممە يەردە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەر نامايان بولماقتا، بۇنىڭ ھەممىسى باش شۇجىنىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان تاپشۇرۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، مول مېۋە بەرگەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

  ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلە. شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، ئۇ قايتا - قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات - ئىلگىرىلەشنىڭ ئۇل تېشى» «شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەڭ قىيىن، ئەڭ ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك».

  شۇنىڭدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2017 - يىلى 1 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، چوڭقۇر، سەمىمىي مۇھەببەت بىلەن ئۇلارنى داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى؛ 2017 - يىلى 3 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيلى؛ 2020 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

  چوڭقۇر مۇھەببەت، كۆڭۈل بۆلۈش باشتىن - ئاخىر ئوخشاش بولدى، سەمىمىي تاپىلاش كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ چوڭ ئامما خىزمىتى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  2016 - يىلى 10 - ئايدا، ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، چىن ھېسسىياتقا تولغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پويىزى جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ ئارىسىدا توختىماي قاتنىدى، ھەر مىللەت ئامما ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش داۋامىدا سېنىڭ - مېنىڭ دەپ ئايرىمايدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جان تومۇرى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

  ئاپتونوم رايون مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپقا سىڭدۈردى، ھەر مىللەت بالىلار كىچىكىدىن باشلاپ بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ياشاپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلدى... مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى ھەربىر سۇڭ تۇپراقتا يىلتىز تارتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ھەربىر كىشى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتتى.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تىپلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، ئىناق ئۆتۈش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش ھېسسىياتى چوڭقۇرلاشتى. قۇربان نىياز ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى بالىلارنىڭ قەلبىگە چاچتى؛ يوۋ لياڭيىڭ ئۇيغۇر ئىنىسى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈپ، شۇ جايدىكى نامرات ئاممىنى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشقا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، چىن ھېسسىياتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى داستانىنى پۈتتى...

  تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش. يەتتە يىلدىن بۇيان، «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش» شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە ھەقىقىي كارتىنىسىغا ئايلاندى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى قىممەتلىك مېھىر - مۇھەببەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقماقتا.

  تەرەققىيات سۈرئىتى ئۇچقاندەك تېزلىتىلدى!

  باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش قەدىمى مەزمۇت بولۇپ، مەردانە چوڭ قەدەم بىلەن تېخىمۇ پارلاق ئەتىگە ئاتلاندى!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ