مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن ھۈنەر پەزىلەتنى تاۋلايدۇ

− مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتى شىنجاڭ تۆمۈريول چارلاش - لايىھەلەش يۇرتى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشى EPC تۈر بۆلۈمى توغرىسىدا

2021.04.29 15:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «گەرچە ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەينى چاغدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، جان تىكىپ قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان خىزمەت مەنزىرىسى ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە» دېدى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شۇ چاغدىكى جۇڭگو تۆمۈريول 1 - چارلاش - لايىھەلەش يۇرتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تۆمۈريول چارلاش - لايىھەلەش يۇرتى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشى EPC تۈر بۆلۈمىنىڭ لايىھەلەش مەسئۇلى جاڭ خۇڭتاۋ.

  ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 960 مو بولۇپ، ئاساسلىقى ئاپتوموبىل قويۇش مەيدانىنى ئۆزگەرتىش، تۆت مەخسۇس لىنىيەنى ئۆزگەرتىش، ئالاقىلىشىش لىنىيەسى (ۋاڭجياگۇ مەخسۇس لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى ياساش ۋە قاچىلاش - چۈشۈرۈش رايونىدىكى بەش مەشغۇلات لىنىيەسىنى ياساش قاتارلىق يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2018 - يىلى 8 - ئايدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشى EPC تۈر بۆلۈمى قۇرۇلغان، جەمئىي 35 يادرولۇق ئەزاسى بار بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 30 ياش، بۇنىڭ ئىچىدە 22 پارتىيە ئەزاسى بار. ئۇلار تەسىر كۆرسىتىدىغان، باشقۇرىدىغان قۇرۇلۇش ئەترىتى 20دىن، ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى 30دىن، قۇرۇلۇش قىلىش، جابدۇق ياساش قاتارلىق تۈرلۈك خادىم 3000دىن ئاشىدىغان بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشىدىكى لايىھەلەش، سېتىۋېلىش، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئۈستىگە ئالغان.

  «1 - قارارلىق قۇرۇلۇشتا شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى قاتناش باشلىنىدىغان بولۇپ، تۈرنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىتى قىسقا، لايىھەلەش تەلىپى يۇقىرى، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ ئىدى» دېدى جاڭ خۇڭتاۋ.

  قۇرۇلۇش تۈرى تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، ئەسلىدە 120 كۈندە تاماملىنىدىغان چارلاش، لايىھەلەش 40 كۈندە تاماملىنىدىغان بولۇپ، بارلىق ئىش تەرتىپى جەزمەن قاتلاملار بويىچە ئالغا سىلجىتىلىشى كېرەك ئىدى. 30 نەچچە كېچە - كۈندۈزدە، تۈر خادىملىرى ھەپتە ئاخىرى ۋە بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ھەممىسى بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، چارلاش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىشنى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇردى.

  «ئەينى يىلى، خوتۇنۇم ھامىلىدار ئىدى، مەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ دوختۇرخانىغا تەكشۈرتۈشكە بېرىشقا ۋاقتىم يەتمىدى. 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بالام تۇغۇلدى، مەن دوختۇرخانىدا قىسقا مۇددەت ھالىدىن خەۋەر ئالغاندىن كېيىن يەنە دەرھال ئىش ئورنۇمغا قايتىپ كەلدىم» دېدى جاڭ خۇڭتاۋ ئەسلەپ.

  يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى كۆپ، ئېچىۋېتىلگەن قۇرۇلۇش قىلىش كۆلىمى چوڭ، تەشكىللەش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، قېزىلغان، توشۇلغان توپىلا 3 مىليون 200 مىڭ كۇب مېتىردىن ئاشاتتى. تۈر بۆلۈمى كېچە - كۈندۈز توختىماي مەشغۇلات قىلىپ، كۈنىگە 80 مىڭ كۇب مېتىر، 3000دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل قېتىم توشۇش سۈرئىتى بىلەن ئىلگىرىلەپ، 40 كۈندىلا قېزىش، توشۇش خىزمىتىنى تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاچىلاش - چۈشۈرۈش رايونىدىكى كونتېينېر دۆۋىلەش مەيدانى ۋە توسما تېمىغا بېتون قۇيۇش، تۆمۈريول لىنىيەسىنى ياتقۇزۇش قاتارلىق «گالنى بوغىدىغان» قۇرۇلۇشلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ يەڭدى.

  قىش كىرىشى بىلەن قۇرۇلۇش سۈرئىتى ۋە سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈر بۆلۈمى 8000 پاختىلىق يوتقان سېتىۋېلىپ، چوڭ كۆۋرۈك قۇرۇلۇش قىلىش رايونى ۋە توسما تاملارغا «كىيىم كىيدۈرۈپ، يوتقان يېپىپ»، ئىسسىق ساقلاش لاپىسى ياساپ 24 سائەت ئىسسىق شامال بىلەن تەمىنلەپ، تېز قاتىدىغان بېتون ۋە تېز قاتۇرۇش دورىسى قاتارلىقلارنى قوللىنىپ، قىشلىق مەشغۇلات قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  شۇنداق قىلىپ، تۈر بۆلۈمى ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، قىسقىغىنا 90 كۈندە تۈرنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان «قۇرۇقلۇق پورتى سۈرئىتى»نى ياراتتى. 2019 - يىلى يەنە 90 كۈندىلا تۈرنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى ھەم ئەسلىي پىلاندىكى قۇرۇلۇش مۇددىتىنى 90 كۈن ئالدىغا سۈردى.

  بارلىق خادىملارنىڭ جاپالىق بەدەل تۆلىشى بىلەن، تۈر بۆلۈمى 2018 - يىلى شىنجاڭ تۆمۈريول چارلاش - لايىھەلەش يۇرتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەمگەك مۇسابىقىسىدە «ئىلغار كوللېكتىپ» نامىغا ئېرىشتى؛ 2019 - يىلى جۇڭگو تۆمۈريول 1 - يۇرتى گۇرۇھىنىڭ ئەمگەك مۇسابىقىسىدە «ئىلغار كوللېكتىپ» نامىغا ئېرىشتى؛ 2020 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەنكاڭ لوڭقىسى بويىچە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن بەن گۇرۇپپا» نامىغا ئېرىشتى؛ بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، «مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئاۋانگارتلىرى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ