مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنى قاپلىدى

2021.04.29 15:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 11لەر ئەتراپىدا، چىرا ناھىيەسى چىرا بازىرى يار بويى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئاينۇر ئوبۇل تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئائىلە دوختۇرىنى كۈتۈۋالدى. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشتە تۇغما يۈرەك كېسىلى ئېنىقلانغان ھەم ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالانغاندىن كېيىن، ئاينۇر نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈنىدىغان ئوبيېكتقا ئايلىنىپ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تېلېفوندا ئەھۋالى ئىگىلەندى، يېرىم ئايدا بىر قېتىم ئۆيىگە بېرىپ كېسىلى تەكشۈرۈلدى.

  ئاز كېسەل بولۇش كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى ھەل قىلىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى. 2016 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، شىنجاڭلىق شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى كېسەلنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويدۇرۇش، بالدۇر داۋالىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى.

  ئاينۇرنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن، دوختۇرنىڭ ياردىمىدە يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ ئوپېراتسىيە قىلىندى. «ئەينى چاغدا داۋالىنىش ھەققى 70 مىڭ يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ھەممىسى ئاتچوت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، مەن پەقەت 1600 يۈەنلا خەجلىدىم.» ئاينۇر مۇنداق دېدى: «ھېلىمۇ ياخشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، كېسىلىمنى ۋاقتىدا داۋالىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇم، تۈرلۈك ئاتچوتلارمۇ ئىقتىسادىي يۈكىمنى يېنىكلەتتى».

  بۇ يىل 2 - ئايغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 87 مىليون 47 مىڭ 300 ئادەم قېتىمنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش تاماملىنىپ، جەمئىي 6 مىليارد 751 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدىكى يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى.

  ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئائىلە دوختۇرى كېلىشىمى ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ياشانغانلار، ھامىلىدار ئاياللار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، بالىلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە ئېھتىياجى بار كىشىلەر توپىنى نۇقتىلىق كېلىشىم ئىمزالاش ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى ئۇنىۋېرسال، داۋاملاشما ساغلاملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  تېكەس ناھىيەسى چولاقتېرەك بازىرى بوزادىر چارۋىچىلىق رايونى تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ھەر يىلى 10 - ئاينىڭ بېشىدا چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى ھەيدەپ قىشلاققا بېرىپ قىش ئۆتكۈزۈپ، كېلەر يىلى 3 - ئاي كەلگەندە تاغدىن چۈشىدۇ. بۇ مەزگىلدە، بوزادىر چارۋىچىلىق رايونى كۆكسۇ ئارشاڭ شىپاخانىسى كەنت دوختۇرلىرىنى تەشكىللەپ قىشلاققا بېرىپ، سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش ئارخىپىغا ئاساسەن چارۋىچىلارغا قاراتمىلىق ھالدا ئۆيىگە بېرىپ تەكشۈرۈش ۋە ساغلاملىق تەشۋىق - تەربىيەسى ئېلىپ بارىدۇ. ھەر قېتىم تاغ ئارىسىغا كىرگەندە ئاز دېگەندە ئون كۈن كېتىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىرچە ئېگىزلىكتىكى داۋاندىن ھالقىشقا، تولۇق مۇز تۇتمىغان مۇز دەريادىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، كەنت دوختۇرلىرى يەنىلا يىلمۇيىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقىغا ئايلىنىپ، كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىشتىن ساغلاملىقنى مەركەز قىلىشقا ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرى سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئىلمىي تەھلىل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل، تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كېسەللىك تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى ساغلاملىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن تەھلىل قىلىپ ئۈنۈملۈك ئارىلىشىش ۋە داۋالاش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «2016 - يىللىق سالامەتلىكنى تەكشۈرتۈشتە مەندە يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى بارلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، ۋاقتىدا داۋالانغاچقا، كېسەللىك ئەھۋالىم ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى. ھازىر تەن ساقلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم، ھەر يىلى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ۋاقتىدا سالامەتلىك تەكشۈرتىمىز.» 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، يەكەن ناھىيەسى مىشا بازارلىق دوختۇرخانىدا تۇرسۇن تالىپ كېسەللىك ئەھۋالىنى قايتا تەكشۈرتۈۋاتاتتى، ئۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش ساغلاملىق ئارخىپى ساغلاملىق ئارخىپى ۋە ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئائىلە دوختۇرلىرى قەرەللىك ھالدا ئۆيىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە ئائىلە دوختۇرى كېلىشىمى ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ دوختۇرخانا ئىچىدىكى تەكشۈرۈش - ئانالىز قىلىش ئۈسكۈنىلىرى، تەسۋىرىي سۈرەت ئۈسكۈنىلىرىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئۇچۇر سىستېمىسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تاماملاپ، سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساغلاملىق باشقۇرۇشنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، كېسەللىك تىزىملىكىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىش ئارقىلىق كېسەللىك قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقىپ، خەتەرلىك ئامىللار ۋە ئاچقۇچلۇق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھالقىلىرىنى بېكىتىپ، ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا تۈزۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشنى قاراتمىلىق كۈچەيتىپ، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈپ، ساغلاملىق بەخت - سائادىتى ئارقىلىق ئومۇمىي خەلققە نەپ يەتكۈزىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ