مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى» بېسىلدى

2021.04.20 12:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق تۈرى − ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا مۇنارسىمان كىرانلار قەد كۆتۈرۈپ، ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەندى.

  شۇ كۈنى، ئايروپورتنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ A بۆلىكىدە قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ئۈرۈمچى لىنكۇڭ جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى ئايروپورت قۇرۇلۇشى تىجارەت چەكلىك شىركىتى باش تېمىلىق ئەمگەك مۇسابىقىسىنى باشلاپ، بۇ يىللىق ئايروپورتنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى»نى باستى.

  «بۇلتۇر بىزنىڭ A بۆلەك تۈرىمىزدە ئاۋىياتسىيە پونكىتى رايونىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆگزىسىنى يېپىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ بېشىدا قۇرۇلۇشتا ئىش ئەسلىگە كەلدى، نۆۋەتتە قۇرۇلۇش خادىملىرىنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىغا كېلىپ بولدى، 4000دىن ئارتۇق ئادەم قۇرۇلۇش ئورنىدا جىددىي قۇرۇلۇش قىلىۋاتىدۇ. گەرچە شىنجاڭدا تېخى ياز كىرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ قۇرۇلۇشتا ئىش باشلىشىمىز مۇددەتتىن بۇرۇن يازغا كىرىپ، تۈرلۈك ئىلگىرىلەشلەر تېز ئالغا سىلجىتىلدى» دېدى ئۈرۈمچى لىنكۇڭ جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى ئايروپورت قۇرۇلۇشى تىجارەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شاڭ شياۋگاڭ مۇخبىرغا.

  «7 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن بۇرۇن، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنىڭ بېتون قۇرۇلمىلىق ئۆگزىسىنى يېپىشنى تاماملاش؛ 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن بۇرۇن، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنىڭ 1 - باسقۇچىدىكى پولات قۇرۇلمىلىق ئۆگزىسىنى يېپىشنى تاماملاش، ئۇچۇش رايونىنىڭ غەربىي كىرىش مەيدانى يەر ئاستىدىكى قۇرۇلمىسىنى تۇتاشتۇرۇش؛ 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن بۇرۇن، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنىڭ 1 - باسقۇچىدىكى مېتال ئۆگزە ھەم تامنىڭ %50ىنى تاماملاش، ئۇچۇش رايونىدىكى يېڭىدىن ياسالغان 2 -، 3 - ئۇچۇش - قونۇش يولى رايونىنى توپا بىلەن تىندۇرۇشنى تاماملاش مۆلچەرلەندى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى لى پېيۋېي تونۇشتۇرۇپ.

  ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش. بۇ تۈرنىڭ قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ ھاۋا يىپەك يولىنى بەرپا قىلىپ، غەربىي شىمال رايونىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىقتىسادىي مەركىزىي رايوندىن ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى بەلباغقا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ