شى جىنپىڭ چىڭخۇا داشۆسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ قۇرۇش نىشان-يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك

2021.04.20 21:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چىڭخۇا داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چىڭخۇا داشۆسىگە بېرىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، چىڭخۇا داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مەكتەپداشلارنى تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياش ئوقۇغۇچىلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 100 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاندا مائارىپ ئاساس. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، ئېلىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئالىي مائارىپقا، ئىلىم-پەن بىلىملىرى ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ تەخىرسىز بولۇۋاتىدۇ. بىز قۇرۇپ چىقىدىغان دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ __ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك مائارىپى __ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىشكەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپىدا، مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيە ئومۇملۇقى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشكە قارىتىپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، ئومۇملۇقنى ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. ياشلار تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، بۈيۈك ئىرادە تىكلەپ، ئەخلاق-پەزىلەتلىك، ئىستېداتلىق بولۇپ، زور ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىگە ئايلىنىپ، ياشلىق باھارىنى ۋەتەن، مىللەت، خەلق، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش داۋامىدا جۇلالاندۇرۇشى لازىم.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، چىڭخۇا داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى چېن شۈ، مەكتەپ مۇدىرى چيۇ يۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ئالدى بىلەن گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىگە بېرىپ، گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنى مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئالاھىدە كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمە سارىيى ئىچىدە سۈرەت بىلەن يېزىق گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئۆزگىچە ئىدى. شى جىنپىڭ زور تېما ۋە دۆلەت ئوبرازىنى لايىھەلەش ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى، كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى تەپسىلىي كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گۈزەل سەنئەت، سەنئەت، ئىلىم-پەن، تېخنىكا بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىر-بىرىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. گۈزەل سەنئەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ گۈزەل سەنئەت ئامىللىرى، سەنئەت ئامىللىرىنى شەھەر-يېزا پىلان قۇرۇلۇشىدا قوللىنىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئېستېتىك پۇرىقى، مەدەنىيەت دەرىجىسىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل سەنئەت نەتىجىلىرىنى خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇش؛ مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىپ، گۈزەللىكنى ۋاسىتە قىلىپ، خەلقئارا مەدەنىيەت ئالاقىسىنى چىڭىتىش كېرەك.

  چىڭخۇا داشۆسىنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكا تەجرىبىخانىسى 2001-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ھېسابلاش سىن ئىلمى، مېڭە ئىلمى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار خەلقئارا ئالدىنقى گىرەلەشمە ئىلمى قاتارلىق ئاساسىي نەزەرىيە ۋە ھالقىلىق تېخنىكا تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرغان. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ كۆرگەزمە تاختىسى، ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانغا بىرلەشتۈرۈپ تەجرىبىخانىنىڭ ھېسابلاش ئوپتىكىسى، مېڭە ئىلمى بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار گىرەلەشمە ئىلمىي تەجرىبە تەتقىقاتى ۋە يېڭى پەن-تېخنىكىنى قوللىنىشنى تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، تەجرىبىخانىنىڭ نەزەرىيە تەتقىقاتى، تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، نەتىجىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ قوللىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو مائارىپى ئۇستازلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ. بىزدە مۇشۇنداق ئىشەنچ بولۇشى، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، ماھىيەتلىك مەزمۇنلارنى قوبۇل قىلىپ، جۇڭگو مائارىپىنى پۇختا، ياخشى باشقۇرۇشىمىز كېرەك. زور ئەسلىي يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆپ ھاللاردا چوڭقۇر ئاساسىي تەتقىقاتلاردا بىخلىنىپ، پەنلەر گىرەلىشىپ كەتكەن ساھەلەردە بارلىققا كەلگەن، ئالىي مەكتەپلەر بۇ ئىككى جەھەتتە تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە. ئاساسىي تەتقىقاتقا داۋاملىق مەبلەغ سېلىپ، ئەركىن ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىپ، ھازىرقى نەزەرىيەدىن گۇمانلىنىشقا، يېڭى يۆنىلىش ئېچىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك.

  چىڭخۇا داشۆسى ئاساسىي بىناسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە، مەكتەپنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى نۇقتىلىق ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. شى جىنپىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىلىم-پەن مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، ئادىمىيەت، جەمئىيەتشۇناسلىق پېنى، مائارىپ تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، چىڭخۇا داشۆسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن تەتقىقات ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن تەسىس قىلىشنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇل تەتقىقاتنى چىڭىتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ھەم ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدە يېڭى كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى نەزەرىيەلەرنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگوچە ئۇسلۇب، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز قىلىش سىستېمىسىنى تىرىشىپ ئورنىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاساسىي بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى زالدا بىر قىسىم پېشقەدەم پىروفېسسورلار، ئوتتۇرا ياش، ياش تايانچ ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئورنىدا ئۈن-تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرگەن، تىرىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئوقۇتقۇچىلارغا رەھمەت ئېيتتى، پېشقەدەم پىروفېسسورلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى، ئوتتۇرا ياش، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى داۋاملىق ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش ۋە پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چىڭخۇا داشۆسى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مەكتەپ تەلىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پەن تەتقىقات، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بىلەن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، چىڭخۇالىقلارنىڭ جاسارىتى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھىنى نامايان قىلدى. كەلگۈسىدە چىڭخۇا داشۆسى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەڭ يۇقىرى نىشان قىلىپ، پەن قۇرۇلۇشىنى تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى كۈچلۈك كاپالەت قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  مەكتەپنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان غەربىي تەنتەربىيە سارىيى چىڭخۇا داشۆسىدىكى دەسلەپكى تۆت چوڭ ئىمارەتنىڭ بىرى. ساراي ئىچىدىكى ۋاسكېتبول مەيدانىدا مەكتەپ ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىلىرى مەشىق قىلىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ تەنتەربىيە سارىيىغا كىرىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەنتەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىش چىڭخۇا داشۆسىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، ساۋاقداشلارنىڭ چىڭخۇا داشۆسىنىڭ ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە تەنتەربىيە ئەنئەنىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىشىپ چىقىپ، تىرىشىپ ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشنىڭ تايانچ كۈچلىرىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئارقىدىن شى جىنپىڭ تەنتەربىيە شەرەپخانىسىدا تارىخىي سۈرەت، ئەمەلىي بۇيۇملار كۆرگەزمىسىنى كۆردى، تەنتەربىيە سارىيىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، مەكتەپنىڭ ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش، تەنتەربىيە مائارىپىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى.

  سائەت 11 دىن 20 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ چىڭخۇا داشۆسىدىكى غەربىي تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئارقا سارىيىغا كېلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. چىڭخۇا داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى چېن شۈ، مەكتەپ مۇدىرى چيۇ يۇڭ، قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نيې جيەنگو، ئاممىۋى باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مېي سىچى، سانائەت ۋە ماددىي ئەشيا فاكۇلتېتىنىڭ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان دوكتور ئاسپىرانتى سۈن چىمىڭ، فىلولوگىيە شۆيۈەنىنىڭ 2-يىللىق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى لى رۈنفېڭلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، نەق مەيداننىڭ كەيپىياتى كەڭ كۇشادە، قىزغىن بولدى.

  ئاخىرىدا شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چىڭخۇا داشۆسى دۆلەت ۋە مىللەت مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان پەيتتە دۇنياغا كەلگەن، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، دۆلەت ۋە مىللەت گۈللەنگەن چاغدا تەرەققىي قىلغان. 110 يىلدىن بۇيان، چىڭخۇا داشۆسى بىپايان جۇڭگو زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، تۆھپە قوشۇش، ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىنتىلىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى يېتىلدۈرۈپ، ھەم قىزىللاشقان، ھەم ئىختىساسلاشقان، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈپ دۆلەت، مىللەت، خەلق ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ چىقتى. بۇ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد چىڭخۇالىقلارنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چىڭخۇا داشۆسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئېلىمىز ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپى كىچىكلىكتىن زورىيىش، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشتەك ئاجايىپ مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، مەكتەپ باشقۇرۇش كۆلىمى، تەربىيەلەش سۈپىتى، مۇلازىمەت ئىقتىدارىدا تارىخىي سەكرەش ئىشقا ئاشتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپى ۋەتەن بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئالغا بېسىپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ياراتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىر دۆلەتنىڭ ئالىي مائارىپ سىستېمىسى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەر توپىنىڭ كۈچلۈك تىرىكىگە موھتاج، ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەر توپىنىڭ سەۋىيەسى ۋە سۈپىتى ئالىي مائارىپ سىستېمىسىنىڭ سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دەۋر رىتىمىنى نىشانلاپ مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىپ، پەن-تېخنىكىدىن ئىبارەت بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت بىرىنچى بايلىقىنى يېتىشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى كۈچەيتىشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشقا ئىنتىلىش __ چەكسىز ئۈزلۈكسىز ھالقىش جەريانى، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئالدىنقى قاتاردىكى داشۆ قۇرۇشتا ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئاچقۇچ. دۆلەت ئويلىغاننى ئويلاپ، دۆلەت ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئالىي مائارىپ سىستېمىسى ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى قىسىملار ئىچكى جەھەتتە بىر-بىرىگە تايىنىش مۇناسىۋىتىگە ئىگە. پەنلەر گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلغان «كاتالىزاتور»دىن ياخشى پايدىلىنىپ ئاساسىي پەنلەرنى يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پەن-كەسىپ توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھازىرقى پەن-كەسىپ سىستېمىسىنى تەڭشەپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن-تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ھالقىلىق ساھەلەرنى نىشانلاپ يېڭى سانائەت پەنلىرى، يېڭى تېببىي پەنلەر، يېڭى يېزا ئىگىلىك پەنلىرى، يېڭى ئىجتىمائىي پەنلەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەمچىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالدىنقى قاتاردىكى داشۆلەر ئۇل تەتقىقاتنىڭ ئاساسىي قوشۇنى ۋە زور پەن-تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش مەنبەسى، ساغلام ئىلمىي ئېكولوگىيەنى ئاساس، ئۈنۈملۈك ئىلمىي ئىدارە قىلىشنى كاپالەت، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلغان ئالىي مەكتەپلەر يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئەجەللىك» ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىغا دادىل ھۇجۇم قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى دوستانە ئالاقىسىنىڭ ھەمكارلىق سۇپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەرپا قىلىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياشلىرى يېڭى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، تەڭ ئالغا بېسىۋاتقان بىر ئەۋلاد كىشىلەر بولۇپ، گۈللەنگەن دەۋردە تۇغۇلۇپ، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياشلار ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئېتىقادىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىلھام ئېلىپ، كۈچ توپلاپ، «تۆت ئىشەنچ»نى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، جاسارىتى، غەيرىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن مەڭگۈ كۈرەش قىلىدىغان، سادىقلىق بىلەن تۆھپە قوشىدىغان مۇستەھكەم غايە تىكلىشى كېرەك. ئەخلاق-پەزىلىتىنى تاۋلاپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلاب مەدەنىيىتى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيىتى ئارقىلىق روھىنى تاۋلاپ، ئەقىل-پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۈكسەك، تېخىمۇ مەنزىلگە ئىگە، تېخىمۇ ھۇزۇر ئالىدىغان كىشىلىك ھاياتقا قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىنتىلىشى كېرەك. دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، دەۋر ئېقىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، دادىل باشلامچى بولۇپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق دۆلەتكە تۆھپە قوشۇپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. ئەمەلىي ئۆگىنىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەستايىدىل بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ھارماي-تالماي تەشنالىق بىلەن ئۆگىنىپ، بىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش داۋامىدا ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىنتىلىپ، دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەقىقىي ئىشلەپ، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ خىزمىتىدىكى تايانچ كۈچ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بولمىسا، يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تەس، شۇنداقلا يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشمۇ تەس. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ئۆگىتىش، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش، توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تۇرغۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان. ئوقۇتقۇچىلار «چوڭ ئۇستاز» بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، ئىش قىلىش، ئادەم بولۇشىدىكى ئۈلگىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەقىقىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلىم ۋە دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، يېڭى بىلىم، يېڭى تېخنىكا، يېڭى نەزەرىيەلەرنى ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىدىغان چاغدا مەيدان، يول بويى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولدى، كۆپچىلىك بەس-بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ تولۇپ تاشقان چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۆپچىلىككە قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ئالقىش سادالىرى، ھال سوراش سادالىرى مەكتەپتە ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

  دىڭ شۆشياڭ، سۇن چۇنلەن، چېن شى، سەي چى ۋە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ