مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى

2021.04.20 12:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ يىل 2 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى

  4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن باركۆل ئايرودۇرۇمىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتىنى باھالاش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، باركۆل ئايرودۇرۇمىدا 3 - پەسىلدە قۇرۇلۇش باشلاش مۆلچەرلەنگەن.

  شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى بۇ ئايرودۇرۇمدىن باشقا، بۇ يىل يەنە شەرقىي جۇڭغار(گۇچۇڭ)، بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايدىكەن ھەم قەشقەر، تۇرپان، موڭغۇلكۈرە، تاشقورغاندىن ئىبارەت تۆت ئايرودۇرۇمنىڭ داۋاملاشما قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىدىكەن، بۇ يىل شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى بۇنىڭغا 2 مىليارد 453 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان.

  يېڭىدىن ئىش باشلايدىغان تۈرلەر ئىچىدە، شەرقىي جۇڭغار (گۇچۇڭ) ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىدا 7 - ئايدا ئىش باشلاش پىلانلانغان، بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىدا 10 - ئايدا ئىش باشلاش پىلانلانغان.

  داۋاملاشما قۇرۇلۇشلار ئىچىدە، قەشقەر ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدىكى ئۇچۇش رايونى ۋە ماي بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىدا ساھە بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تاماملانغان؛ يېڭى سېلىنغان ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىدە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلۇشنى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا پۈتتۈرۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش پىلانلانغان. تۇرپان ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدە ئاۋىياتسىيە رايونىدا قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن. موڭغۇلكۈرە ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن سېلىش قۇرۇلۇشىدا 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئۆگزىسىنى يېپىش قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتقان بولۇپ، 10 - ئاينىڭ ئاخىرى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان. تاشقورغان ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن سېلىش قۇرۇلۇشىدا 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ئۇچۇش رايونىدا توپا، ئۇلنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، 12 - ئاينىڭ ئاخىرى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان.

  شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پۇرسىتى چىڭ تۇتۇلۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، «14 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ئىشلىتىلىۋاتقان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇملىرىنىڭ سانى 37گە يەتكۈزۈلۈپ، تىرانسپورت كاپالەت ئىقتىدارى 76 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشۇرۇلۇپ، رايونلار ئارا ئايرودۇرۇملارنىڭ ماسلىشىش ئۈنۈمى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ