باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇق رايونلىرىدا بالىلار يەسلىدە ھەقسىز ئوقۇيدىغان بولدى

2015.04.27 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىماكان قۇملۇقى بويلىرىدىكى تەبەسسىۇم پارلىغان چېھىرلەر

  يېقىندا، مۇخبىر شىنجاڭ مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىلىق مەركىزىي قوش تىللىلىق يەسلىسىگە بارغاندا، بالىلارنىڭ خۇشال كۈلكىلىرىنىڭ ناخشا ئاۋازى بىلەن بىرلىشىپ، تەكلىماكان بويلىرىدىكى بۇ كىچىك كەنتنى جانلاندۇرۇۋەتكىنىنى كۆردى.

  قۇمقۇسار يېزىسى تىلغا ئىلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەر ناتۇنۇش ھېس قىلىدۇ. لېكىن شىۋىيېتسىيەلىك دۇنياغا داڭلىق ئېكىسپىدىتسىيەچى سىۋىن ھېدىن نۇرغۇن كىشىلەرگە ناتۇنۇش ئەمەس. ئەينى يىللىرى ئۇ قۇمقۇسار يېزىسىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىغا رەسمىي كىرىپ، تۇنجى ھەيرەتتە قالدۇرغان كروران خارابىسىنى بايقىغان.

  2008-يىلى، دۆلىتىمىز 1 مىليۇن 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىەپ، تەكلىماكان قۇملۇق بويلىرىدىكى قۇمقۇسار يېزىسىدا بۇ قوش تىللىق بالىلار يەسلىسىنى قۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ يېزىدىكى يەسلى يېشىغا توشقان ئۇيغۇر بالىلار ھەقسىز يەسلى تەربىيەسىدە بولغان. قوش تىل يەسلىسى توغرىسىدا توختالغان بىلقىز مەمەتنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم پارلىدى.

  ئىلگىرى بۇ جايدا بىر شەخسي يەسلى بولۇپ بالىلاردىن بىر ئايدا 50 يۈەن ھەق ئېلىناتتى. يەسىلىدە بالىلار ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 70تىن ئاشمايتتى. نۇرغۇن ئاتا ـ ئانىلارغا نىسبەتەن 50 يۈەن ئاز پۇل ھېسابلانمايتتى،شۇڭا بالىلىرىنى يەسلىگە بەرمەيتتى- دېدى بىلقىز مەمەت.

  قۇمقۇسار يېزىلىق مەركىزىي قوش تىللىق يەسلى ئېچىلغاندىن كېيىن، بالىلار ھەقسىز يەسلىگە كىرىدىغان بولغاچقا ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئاكتىپلىقىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولدى، نۇرغۇن ئاتا ـ ئانىلار بالىلىرىنى يەسلىگە ئەكىلىپ بەردى.

  يەسلى باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىلقىز ئەمەتنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى ھەممە بالىلارنىڭ يەسلىدە ئوقۇيالىشى بولدى. يېقىندا، بۇ يېزىنىڭ يېشىغا توشقانلارنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتى %100كە يەتتى.

  «مېنىڭ بالام يەسلىدە 20 ناخشا ئۆگۈنۈۋېلىش بىلەنلا قالماي يەنە 10 نەچچە خىل ئۇسۇل ئوينىيالايدۇ. ھەر قېتىم بالىسىدىكى ئۆزگىرىشنى بايقىغان پاتىگۈل بەخت ھېس قىلىدۇ. بالام بۇلارنى بىلىپلا قالماي يەنە نۇرغۇنلىغان ئادەم بولۇش ئۈگۈتلىرىنى ئۆگىنىپ، بارغانچە ئوماقلىشىپ كەتتى، دېدى.

  مۇخبىر دۆلىتىمىزنىڭ قۇمقۇسار يېزىسىغا قوش تىللىق يەسلى قۇرۇپ بېرىپلا قالماي يەنە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ بەرگەنلىكىنى، بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشى ۋە تامىقىغا مەخسۇس تۈرلۈك تولۇقلىما بېرىدىغانلىقىنى بىلدى.

  «بىز تەكلىماكان بويلىرىدكى بالىلارنىڭ ھەقسىز بۇنداق ياخشى تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە نائىل بۇلالىشىنى چۈشىمىزدىمۇ ئويلاپ باقمىغان. «كىچىكمدە ماڭا يەسلىگە بېرىش پۇرسىتى بولمىغان، ھازىرقى بالىلار راستىنلا بەختلىك جۇمۇ. (مۇخبىر جافۇر خەۋىرى)

  مەنبە: خەق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر