خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ13-فېۋرال ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جەمئىيەتتە 2015-يىلى چاغان ھارپىسىدا ئىشلىگەنلەرگە 3 ھەسسە ئىش ھەققى بېرىلىدىكەن دېگەن گەپلەر تارقىلىپ يۈرگەن. بۇنىڭغا قارىتا مۇخبىر شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى- ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنى زىيارەت قىلغان. ئالاقىدار خادىملار مۇخبىرغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: چاغان ھارپىسىدا ئىشلىگەنلەرگە 3 ھەسسە ئىش ھەققى بېرىلمەيدۇ، پەقەت 2ھەسسە ئىش ھەققى بېرىلىدۇ.
2015-يىلى چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە،18-فېۋرالدىن 24-فېۋرالغىچە يەنى ھارپا كۈنىدىن چاغاننىڭ ئالتىنچى كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ. 2015-يىلى ھارپا كۈنى خىزمەت ۋاقتى بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئالماشتۇرغانلىققا تەۋە ھەرگىزمۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنىگە كىرمەيدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى