خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى) ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا بانكىسىنىڭ سودا بازارلىرى، ئاھالىلەر رايونلىرىغا كىرىپ ئابونىچىلار ئۈچۈن مەخسۇس مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويغان مەھەللە بانكىسى 28- دېكابىر ئۈرۈمچى «دىۋاڭ» سودا شەھەرچىسى ۋە «قىبلە تاغ» مەھەللىسىدە رەسمىي قۇرۇلدى. مەھەللە بانكىسىدا ئابونىچىلار سۇ، توك، تېلىفۇن ھەققى، تېلىۋېزور كۆرۈش ھەققى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇشتىن سىرت يەنە بانكىدىن تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرىز قاتارلىقلارنى ئاللايدىكەن. ئىگىلىشىمچە سودا بانكىلىرىنىڭ بۇنداق مەھەللە بانكا تەسىس قىلىشى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تېخى تۇنجى قېتىملىقى ئىكەن.
سۈرەتتە: ئۈرۈمچى «دىۋاڭ» سودا شەھەرچىسى مەھەللە بانكىسىنىڭ باشلىقى زۇلپىقار تۇرسۇن ئابونىچىلارغا بانكا كەسىپلىرىنى تونۇشتۇرماقتا