خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى) دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى تەشكىللىگەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۆتكۈزگەن 2014/2015 – يىللىق «شىنجاڭ بوغدا كۆلى لوڭقىسى» مەملىكەتلىك ئەركىن شەكىلدە قار تېيىلىش، قار ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سىناق مۇسابىقىسى 27 – دېكابىردىن 28 – دېكابىرغىچە بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەت بويىچە يەتتە كوماندىدىكى 53 ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى.
سۈرەتتە: ماھىرلار ئەركىن شەكىلدىكى قار تېيىلىش مۇسابىقىسىدە.