باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەكەندىكى ئاشلىق تارماقلىرى تېز، قىزغىن، ئەلا مۇلازىمەت قىلغانلىقتىن ئاشلىق سېتىش ۋە سېتىۋېلىش ئوبدان يۈرۈشمەكتە

2014.07.08 15:33   مەنبە: خەلق تورى

يەكەندىكى ئاشلىق تارماقلىرى تېز، قىزغىن، ئەلا مۇلازىمەت قىلغانلىقتىن ئاشلىق سېتىش ۋە سېتىۋېلىش ئوبدان يۈرۈشمەكتە

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد ئايۇپ خەۋىرى،فوتوسى: بۇ يىل 650 مىڭ مو بۇغداي تېرىغان يەكەن ناھىيەسى تۈرلۈك پەرۋىشنى ياخشى ئشلىگەنلىكتىن بۇغدايدىن ئومومىي يۈزلۈك مولھوسۇل ئېلىپ، بۇغداي ئومومىي مەھسۇلاتى 290 مىڭ توننىدىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

  يەكەن ناھىيەسىدىكى ئاشلىق تارماقلىرى 5- ئايدىلا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە كىرىشكەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ يازلىق ئاشلىق باھاسىنى تەڭشەش ئەھۋالى ۋە تولۇقلىما بېرىش سىياسەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق سېتىپ بېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى. رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە يېزا- بازارلار بازار كۈنىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ بۇ يىللىق ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلغاندىن سىرت، 120 مىڭ دېھقان ئائىلىسى بىلەن يازلىق ئاشلىق سېتىپ بېرىش، سېتىۋېلىش كېلىشىمى پۈتۈشۈلدى. يېزا-بازارلىق ئاشلىق تارماقلىرىغا ئۈچ مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ناھىيە بويىچە 28 ئاشلىق سېتىۋېلىش نۇقتىسىغا 58 كومپيۇتېر، 42 ئاشلىق ئۇزىتىش ماشىنىسى، 28 بۇغداي ئادالاش ماشىنىسى سېتىۋالدى ياكى رېمونت قىلدۇردى. سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈپ 28 دەرىجە ئۆلچەش ئۈسكىنىسى، 82 چوڭ- كىچىك گىر تەييارلىدى. ئىشچى خىزمەتچىلەرنى دۆلەتنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسىتى، سۈپەت تەكشۈرۈش، ئامبارلاشتۇرۇش، ساقلاش، ئۈسكىنىلەرنى تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش، تەڭشەش بىلىملىرى بويىچە سىسىتىمىلىق تەربىيەلىدى.

  بۇ يىل دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دېھقانلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىغا ئىلھام بېرىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىلگىرىكى ئاشلىققا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى ئاستىدا بۇ يىل يېڭىدىن تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، يېڭى سىياسەت بويىچە دېھقانلار دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاشلىق پونكىتلىرىغا ئاشلىق سېتىپ بەرسە ھەركىلوگىرام بۇغدايغا 0.30 يۈەندىن تولۇقلىما بېرىدىغان، يازلىق ئاشلىق ئۆتكەن يىلقى باھا ئاستىدا ھەركىلوگىرامىغا 0.12 يۈەن يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىندىغان بولغان ھەم دۆلەتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە ئاساسەن بەش دەرىجە باھا بويىچە سېتىۋېلىش يولغا قويۇلغان.

  يەكەن ناھىيەسىدىكى ئاشلىق تارماقلىرى ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغىنىڭ ئۆكسۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن ئىلگىرى ھەرقايسى ئاشلىق تارماقلىرى 240 مىليون يۈەن مەبلەغ تەييارلاپ ھەرقايسى يېزا-بازارلىق ئاشلىق پونكىتلىرىدا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ئومومى يۈزلۈك باشلىدى. دېھقانلار قاچان ئاشلىق ئېلىپ كەلسە شۇ چاغدا سېتىۋېلىپ، دەرىجە باھادا ئادىل بولدى، ئارام ئېلىش ئورنى، بۇغداي قۇرۇتۇش مەيدانى، بۇغداي تازىلاش ئۈسكۈنىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، دىھقانلارنىڭ ياخشى ئالقىشىغا ئىرىشتى.

  ھۆل-يېغىن ۋە ھاۋا رايى تۈپەيلى يەكەن ناھىيەسىنىڭ بۇ يىلقى يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا نەچچە كۈن كېيىنرەك باشلانغان بولسىمۇ، باھانىڭ يۇقىرى بولۇشى، سېتىۋېلىنىش شارائىتىىڭ ياخشىلىنىشى، ئاشلىق پونكىتلىرىنىڭ سېتىۋېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى نەتىجىسىدە يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى باشلىنىپ تاكى 7-ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە بولغان 20 كۈندە سېتىۋېلىنغان ئاشلىق 50 مىليون كىلوگىرامغا يېتىپ، دېھقانلارغا 120 مىليون يۈەندىن كۆپرەك كىرىم كەلتۈردى.سۈرەتتە: يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئالمەت يېزىسىدىكى دېھقانلار سېتىپ بولغان ئاشلىقىنى ئۇزىتىش ماشىنىسى ئارقىلىق ئامبارغا كىرگۈزمەكتە. مۇخبىر يەكەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارسىدە

  مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىپ، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش، چەت ئەلگە…
      ·يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تاراتقۇ ھەمكارلىقى مۇنبىرى باشلاندى
      ·ساختا سالاھىيەت ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغانلارن…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، ب…
      ·2014–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئىسرائىلىيەدىكى ئائىلىلەردە پۇلنىڭ تەربىيەسىگە ئۆز ئالدىغا پىرىنسىپى بار
      ·شىنجاڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتا تۇنجى قەدەمنى ئالدى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
      ·2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 25 – ئىيۇن سائەت 18:00 دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى