باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تەڭرىتېغىنىڭ ئىسمى ئاتالغان جايلىرىدا چارۋا بېقىش چەكلىنىدۇ

2013.07.30 10:35         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ تەڭرىتېغى يېقىندا 37-نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ، ‹‹ دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى تىزىملىكى ›› گە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كىردى . بۇ ‹‹چارۋا بېقىشنى چەكلەش ›› نى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوغداش تەدبىرلىرىنى شۇ جايدا زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىشقا پايدىلىق .

  2009-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەڭرىتېغىنى دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنى قارار قىلغان . شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىلتىماس قىلىش ۋە دۇنيا مىراسلىرىغا تىزىملىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كىرىشتىن ئىبارەت مۇساپىنى باشلىغان ھەمدە چوڭ كۆلەملىك ‹‹ شىنجاڭنىڭ تەڭرىتېغى ››نى قوغداش ھەرىكىتىنى باشلىغان .

  ‹‹دۇنيا مىراسلىرى مەشغۇلات كۆرسەتمىسى ›› نىڭ تەلىپى بويىچە ، ‹‹ دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى ›› گە كىرگۈزۈلگەن رايون ئۆزىنىڭ دۇنياۋى قىممىتى ۋە شۆھرىتىنى تېخىمۇ نامايان قىلىش ئۈچۈن ، مۇكەممەل قوغداش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك .

  2010-يىلى دۇنيا تەبىئەت بىرلەشمە ئىتتىپاقىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى شىنجاڭنىڭ تەڭرىتېغىغا قارىتا ئەمەلىي تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغاندا مۇنداق كۆرسەتكەن ، شىنجاڭنىڭ تەڭرىتېغىدا ھەدىدىن ئاشۇرۇپ چارۋا بېقىشتەك مەسىلىلەر ساقلانغان ، بۇ تەڭرىتېغىنىڭ يەر سۈپىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزگەن ، تەڭرىتېغىنىڭ ئوتلاق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىش كېرەك . بۇنىڭغا قارىتا شىنجاڭ ئىلتىماس قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى دەرھال ئالدى بىلەن ئىلتىماس قىلىشتا ئىسمى ئاتالغان جايلاردا چارۋا بېقىشنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان .

  چارۋا بېقىشنى چەكلەش ئىسمى تىلغا ئېلىنغان جايلارنىڭ تەبىئىي بايلىقىنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ ، پەقەت چارۋا بېقىشنى چەكلىگەندىلا دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرىنى قوغداش ئىتتىپاقىنىڭ ‹‹ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ›› ناملىق قىزىل تاشلىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنى مۇكەممەل قوغداشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل