مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇز ئىستېمالىنىڭ كەملىكى يۈرەك كېسەللىكلىرىنى قوزغىشى مۇمكىن

2021.10.28 23:33 مەنبە: تىيانشان تورى

يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ پەيدا بولۇشى تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا، يەنە يۈرەك كېسىلى، مېڭە سەكتىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىشىمۇ تۇزنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىراق، ئامېرىكىنىڭ 17 دۆلەتتىكى 100 مىڭ ئادەم ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، تۇز ئىستېمالىنىڭ بەك تۆۋەن بولۇشى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كۈندىلىك تۇز ئىستېمال مىقدارىنىڭ بەش گىرامدىن ئاشماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، بۇ تەتقىقات ئېھتىمال كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇز ئىستېمال مىقدارىغا يېتەكلەش خاراكتېرىدە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تۇز ئىستېمال مىقدارى 12.5 گىرام ئەتراپىدا بولسا بولىدىكەن. كۈندىلىك تۇز ئىستېمال مىقدارى10.1 ~ 15.2 گىرام بولغان گۇرۇپپىنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىپ يۈرەك كېسىلى ۋە مېڭە سەكتىسى قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەتىرىنى سېلىشتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاساسىي ئۆلچەم گۇرۇپپىسىدىكىلەردە كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى كۈندىلىك تۇز ئىستېمال مىقدارى 15.2 ~ 17.8 گىرام بولغان گۇرۇپپىنىڭ .14 1 ھەسسىسىگە، 17.8 گىرام بولغان گۇرۇپپىنىڭ .21 1 ھەسسىسىگە تەڭ بولغان. ئەكسىچە كۈندىلىك تۇز ئىستېمال مىقدارى 7.6 گىرامغا يەتمىگەن گۇرۇپپىدىكىلەردە كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئاساسىي ئۆلچەم گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ .27 1 ھەسسىسىگە تەڭ بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ