مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ ئىرېلاندىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئوفاچيور بىلەن سۆھبەتلەشتى

2021.10.28 21:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 10-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئىرېلاندىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئوفاچيور بىلەن سىن شەكلىدە سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: ئىرېلاندىيە جۇڭگونىڭ سەمىمىي ھەمراھى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو-ئىرېلاندىيە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىكى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىل ئېرلاندىيە مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ۋە جۇڭگونىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى باشلانغان يىل. جۇڭگو ئىرېلاندىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا تۆت تەكلىپ بەردى. بىرىنچى، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرسەك. شىنجاڭغا، شياڭگاڭغا، تەيۋەنگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جۇڭگو-ئىرېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشى. ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىدىكى قىممەتلىك تەجرىبە. ئىككىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرساق. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بىرلەشمە كومىتېتى قاتارلىق ھەمكارلىق مېخانىزمى ۋە ئىمپورت كۆرگەزمىسى، مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرسەك. ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى يارىتىپ، ئىرېلاندىيەنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئۆمەك ئەۋەتىشىنى قارشى ئالىمىز. تۆتىنچى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەۋج ئالدۇرساق. ب د ت نىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا ئىلمىي تاقابىل تۇرۇش، ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىرېلاندىيە پارلامېنتى بىلەن دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئورتاق تولۇقلاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەرقايسى قاتلاملاردا قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ، تۈزىتىپ ياكى ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا ياخشى قانۇن، سىياسەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ؛ ئىككى تەرەپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللاردىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ.

  ئوفاچيور مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىرېلاندىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا ئېرلاندىيەنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت. دۇنيا بىردەك ئىتتىپاقلاشقاندىلا، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. ئىرېلاندىيە پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، سودا، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ