شى جىنپىڭ دۆلەتنىڭ «13 ـ بەش يىل»لىق پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2021.10.28 09:18 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن دۆلەتنىڭ «13 ـ بەش يىل»لىق پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئۇللۇق ئالدىنقى سەپ، ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى تېخنىكا، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر پەن ـ تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ، بولۇپمۇ كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ھازىر، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ۋە رولغا ئىگە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى دۇنيا پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، باتۇرلۇق بىلەن پەن ـ تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شەرەپلىك تارىخىي بۇرچنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۇنيا بويىچە پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 45 مىنۇتلار ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ بېيجىڭ كۆرگەزمە سارىيىغا كېلىپ، كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمە «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا ئاتلىنىش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، جەمئىي ئومۇمىي كىرىش سۆز، 100 يىللىق ئەسلىمە، ئۇل تەتقىقات، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا، مۇھىم، زور مەخسۇس تۈرلەر، يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسى، جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق 12 كۆرگەزمە رايونىغا بۆلۈنگەن. 1300 دىن ئارتۇق ئەمەلىي بۇيۇم، 200 دىن ئارتۇق مودېل قاتارلىقلار ئارقىلىق «13 ـ بەش يىل»دىن بۇيان پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان.

  دۇنيا پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىپ، كۆرگەزمىدە «جيۇجاڭ» كىۋانت ھېسابلاش ئەندىزە ماشىنىسى، چىڭخەي ـ شىزاڭ ئېگىزلىكىنى 2 ـ قېتىم ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش، «تيەنجى» تۈرىدىكى مېڭە ئۆزىكى قاتارلىق ئۇللۇق ئالدىنقى سەپتىكى مۇھىم، زور بۆسۈش ھەمدە سىپاللاتسىيەلىك نېيترون مەنبەسى، «خۇييەن» سۈنئىي ھەمراھى قاتارلىق ئىلىم ـ پەن جابدۇقلىرى نۇقتىلىق كۆرگەزمە قىلىندى. ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېچىۋېتىش ـ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن «جىڭخۇا ناملىق» دىيامېترى ئەڭ چوڭ قالقانسىمان قېزىش ماشىنىسى قاتارلىقلار نۇقتىلىق كۆرگەزمە قىلىندى. دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ مودېلى، مارس ئاپتوموبىلى، «چاڭئې 5 ـ نومۇر»، «فېندوۋجې» ناملىق پۈتۈن دېڭىز چوڭقۇرلۇقى ئادەملىك چۆككۈ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى جابدۇقلىرى، پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى 4 ـ ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق گاز بىلەن سوۋۇتۇلىدىغان ئۈلگە رېئاكتور، «گوخې 1 ـ نومۇر» يادرو ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم قوراللىرى نۇقتىلىق كۆرگەزمە قىلىندى. خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، بىر گەۋدىلەشكەن پۈتۈن بەدەنلىك مۇسبەت ئېلېكتىرون قويۇپ بېرىش/ماگنىت رېزونانسلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش جابدۇقى، ئۆسۈملۈك زاۋۇتىدا شال سورتىنى ئادەمسىز يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش ئۈسكۈنىسى ھەمدە «پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش» «پەن ـ تېخنىكا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» نىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى نۇقتىلىق كۆرگەزمە قىلىندى ... ھەربىر ئەمەلىي بۇيۇم، ھەربىر مودېل «13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلىرى ۋە گەۋدىلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى جانلىق شەرھلەپ بەردى، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار تەپسىلىي كۆرۈپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سورىدى.

  بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرى يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرى يولداشلار ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ