مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ خەلق نەشرىياتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

2021.10.28 10:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تەبرىك خېتى

  خەلق نەشرىياتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، مەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! پۈتۈن نەشرىياتتىكى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  100 يىلدىن بۇيان، خەلق نەشرىياتى زور بىر تۈركۈم ماركسىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ھۆججەت ـ ئەسەرلىرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك پەلسەپە ـ ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تارقىتىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. خەلق نەشرىياتىنىڭ قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ماركسىزم ۋە پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى كۈچەپ تارقىتىشىنى؛ باشتىن ـ ئاخىر خەلق ئۈچۈن ياخشى كىتاب چىقىرىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى كۈچەپ نامايان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشىنى؛ باشتىن ـ ئاخىر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  شى جىنپىڭ

  2021 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى تېلېگراممىسى خەلق نەشرىياتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن نەشرىياتتىكى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 100 يىلدىن بۇيان، خەلق نەشرىياتى زور بىر تۈركۈم ماركسىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ھۆججەت ـ ئەسەرلىرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك پەلسەپە ـ ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تارقىتىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ماركسىزم ۋە پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى كۈچەپ تارقىتىشىنى؛ باشتىن ـ ئاخىر خەلق ئۈچۈن ياخشى كىتاب چىقىرىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى كۈچەپ نامايان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشىنى؛ باشتىن ـ ئاخىر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيەنىڭ 100 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى تارقىتىدىغان كۈچلۈك بازىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقنى مەدھىيەلەيدىغان، دەۋرنى خاتىرىلەيدىغان روشەن ئۈلگە بولۇشقا تىرىشىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى يېتىلدۈرىدىغان، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى كۈچەيتىدىغان مەدەنىيەت ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان نەشرىياتتىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىكى بىلىم كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىدا يېڭى شان ـ شەرەپ قۇچۇش كېرەك.

  خەلق نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ۋە ئاپتورلار، نەشرىيات ساھەسىدىكى ۋەكىللەر سۆز قىلدى.

  خەلق نەشرىياتى 1921 ـ يىلى 9 ـ ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرغان تۇنجى نەشر ئاپپاراتى. 100 يىلدىن بۇيان، خەلق نەشرىياتى ماركسىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ھۆججەت ـ ئەسەرلىرى ھەمدە پەلسەپە ـ ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىۋى، نەزەرىيەۋى ۋە ئاممىباب ئوقۇشلۇقلارنى نەشر قىلىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ