مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ مىرزىيويېۋنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2021.10.28 11:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى مىرزىيويېۋغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، «يېڭى ئۆزبېكىستان» قۇرۇلۇشىدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتىڭىز. ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، دۆلىتىڭلارنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ئىشلاردا جەزمەن يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. مەن جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ