مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.10.28 11:55 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولدى. جۇڭگو بىلەن پاكىستان قول تۇتۇشۇپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردى. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئەڭ ئىشەنچلىك جانجىگەر قېرىنداشلار. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يەر شارىدا داۋالغۇش مەنبەسى، خەۋپ ـ خەتەر نۇقتىسى كۆپەيمەكتە. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن پاكىستان تېخىمۇ قەتئىي ھالدا بىر سەپتە تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ پۈتۈن شارائىتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو بىلەن پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ پاكىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، پاكىستان تەرەپ بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى يېڭى پۇرسەتلەردىن ھەمبەھرىلىنىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق پاكىستان تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاپ، جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، كارىدورنىڭ ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ئاكتىپ ئېففېكتىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  ئىمران خان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ۋە پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن، ھەم جۇڭگو تەرەپنىڭ يېڭى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پىكرىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ھازىر، دۇنيا نۇرغۇن مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە، پاكىستان بىلەن جۇڭگو ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق. پاكىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى سىناقلاردىن ئۆتكەن بولۇپ، باشتىن ـ ئاخىر جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاپ، پاكىستان خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى، بۇنى چوڭ دۆلەتنىڭ كىچىك دۆلەتكە خالس ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. پاكىستان تەرەپ قەتئىي تۈردە بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدۇ. پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، پاكىستان ـ جۇڭگو ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. پاكىستان تەرەپ پاكىستاندىكى جۇڭگو تەرەپنىڭ خادىملىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم داۋاملىق ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئافغانىستان قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ