مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيە جابدۇق خىزمىتى يىغىنىغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

قورال ـ جابدۇق قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك

2021.10.28 10:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) پۈتۈن ئارمىيە جابدۇق خىزمىتى يىغىنى 10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن 26 ـ كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە قورال ـ جابدۇق سېپىدىكى بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئارمىيەمىز قورال ـ جابدۇق قۇرۇلۇشىدا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارى، بولۇپمۇ ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇستەھكەم ماددىي تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. يولداشلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، قورال ـ جابدۇق زامانىۋى باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، قورال ـ جابدۇق قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك يارىتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى قورال ـ جابدۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي ئورنىنى ئىگىلەپ، قورال ـ جابدۇق قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، قورال ـ جابدۇق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دىققەتنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، رېئال ھەربىي كۈرەشنى چىڭ كۆزلەپ، پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىشنى، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى شەكىللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، دۇنيادا 1 ـ ئورۇندا تۇرىدىغان سەۋىيەنى نىشانلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىنى ياخشى قىلىپ، قورال ـ جابدۇقلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئارمىيەمىزنىڭ قورال ـ جابدۇق قۇرۇلۇشىنى يەنە بىر چوڭ پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا «13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدىكى قورال ـ جابدۇق قۇرۇلۇشى ئەھۋالى خۇلاسىلىنىپ، «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدىكى قورال ـ جابدۇق قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، قورال ـ جابدۇقلارنى زامانىۋى باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش تەتقىق قىلىندى، مۇھاكىمە قىلىندى.

  ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ھەرقايسى ھەربىي سانائەت گۇرۇھ شىركەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ