مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى زۇڭلىسى ماراپى بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.10.28 11:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى زۇڭلىسى ماراپى بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە مۇھىم، زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە بىر ـ بىرىنى قوللاپ، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، رايوننىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇناسىۋىتى چوڭ ـ كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان، جەمئىيەت تۈزۈمى ئوخشىمايدىغان دۆلەتلەر تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنى ھېچقانداق قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويۇلمايدىغان ئىقتىساد، تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلەشنى، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى تۈرلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، نامراتلارنى ئازايتىش، بايلىقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى رايونىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە، جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

  ماراپى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 45 يىل ئىلگىرى، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ئىچىدە باشلامچىلىق بىلەن بىر جۇڭگونى ئېتىراپ قىلغان. 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى خالىس قوللىغانلىقىغا، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى ۋاقتىدا قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ سەمىمىي ھەمراھى ۋە ئىشەنچلىك دوستى. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ نامايان قىلغان قالتىس يەر شارىۋى رەھبەرلىك كۈچىگە قايىل، جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئالقىشلايدۇ، داۋاملىق بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش، نامراتلارغا يار ـ يۆلەك بولۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى تەجرىبىلىرىدىن ئۆگىنىپ، ئۆرنەك ئېلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ