مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى

11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى

2021.10.28 21:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 60-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي ۋە پۈتۈن جەرياندىكى خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر شەرھلەپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى ئىلمىي يېتەكچى ۋە مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىن ئىبارەت دۆلىتىمىزنىڭ بۇ تۈپ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئۈنۈمىنى چوڭقۇر تونۇپ، پۈتۈن جەرياندىكى خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇشتەك خاراكتېرى ۋە رولىنى توغرا گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىدىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان سىياسىي كېڭەشتە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتى، ئىقتىساد كومىتېتى، مىللەتلەر ۋە دىن كومىتېتى تەشكىللىگەن مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى تەسىس قىلىش مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۇقىرى سەۋىيەدە مۇلازىمەت قىلىشتىكى كونكرېت تەدبىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش مەزمۇنى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش ۋە شەكلىنىڭ بېيىتىلىشى. ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار قارالمىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كومىتېتلارنىڭ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن تەتقىق قىلىش ۋە چوڭقۇر كېڭىشىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيەدە سوقۇلۇش، كۆز قاراشتا ئېلىشىش داۋامىدا مەسىلە تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دەسلەپكى قەدەمدە نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياخشىلاپ، مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىشى، تەرتىپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش نوپۇس-بايلىق- مۇھىت كومىتېتى، مائارىپ-پەن-تېخنىكا-سەھىيە- تەنتەربىيە كومىتېتى، شياڭگاڭ-ئاۋمېن-تەيۋەن چياۋمىنلىرى كومىتېتىنىڭ 2021-يىللىق مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «قارا تۇپراقنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى دېموكراتىك نازارەت قىلىش دوكلاتى»، «تەنتەربىيە بىلەن مائارىپنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى دېموكراتىك نازارەت قىلىش دوكلاتى»، «گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى تەرەققىيات يىرىك پىلانى پىروگراممىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ۋە تەكلىپى — گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن ھەمكارلىق تەرەققىيات سۇپىسىنى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدىكى دېموكراتىك نازارەت قىلىش دوكلاتى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، دوكلات يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلىدۇ.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 19-يىغىنىنىڭ قارالما (لايىھەسى) ۋە كۈنتەرتىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، يىغىننى 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى، ئاساسلىق قارالما ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بولدى.

  يىغىندا فۇ جېڭخۇانى جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، 19-قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا سۇنۇلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى لى بىن قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ