مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.10.28 09:20 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ئۆكتەبىر فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ئۆكتەبىر فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى.شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇلتۇردىن بۇيان، بىز كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى كۈچلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ مۇھىم قارالمىلار ئۈستىدە ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇشىمىز-جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەشكە، شۇنداقلا دۇنيا ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇقىم قىلىشقا پايدىلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە ئالاقىدار ھەمكارلىق مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئېنېرگىيەسى، ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيو دورا ياساش، دېڭىز-ئوكيان قاتارلىق يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش جەھەتتە داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، يېشىل ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئافرىقا قاتارلىق رايونلارغا يۈزلەنگەن ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە يەنە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئۆزئارا قوللىشى كېرەك.شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىندا خەلقئارادا يۈز بەرگەن بىر قانچە چوڭ ئىش فىرانسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

  جۇڭگو بىلەن ياۋروپا يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى ۋە سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق، چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاتا چۈشەنچە ۋە خاتا ھۆكۈملەرنى ئازايتىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ-تىزگىنلەپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ياۋروپا كارخانىلىرى ۋە پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، رەقەملىك تېخنىكا، يېشىل مۇھىت ئاسراش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، داۋالاش-سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك. فىرانسىيەنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ كۈنمىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. فىرانسىيە ئىجابىي ئۇسۇل ئارقىلىق ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ، ھەر قايسى قاتلامدىكىلەر سۆھبىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ-تىزگىنلەپ ۋە ھەل قىلىپ، ياۋروپا-جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا، كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئىتالىيە باشلىقلار يىغىنى، گلاسگوۋ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى جەھەتتىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىرانسىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ، ياۋروپا-جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ بالدۇرراق كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىرانسىيە جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ. مەن فىرانسىيە-جۇڭگو، ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە سىز بىلەن داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ