مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئولىمپىك قانىلى ھەم رەقەملىك سۇپىسىنىڭ تارقىتىشنى باشلىغانلىقى، تورغا چىقىرىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېسىل، ئالاھىدە، قالتىس ئولىمپىك يېڭى سەھىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك

2021.10.27 09:00 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئولىمپىك قانىلى ھەم رەقەملىك سۇپىسىنىڭ تارقىتىشنى باشلىغان، تورغا چىقىرىلغان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئولىمپىك قانىلى ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ۋە مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا تەنتەربىيە ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى ۋە خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەنە 100 نەچچە كۈندىن كېيىن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ. سىلەرنىڭ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئەزىمەتلىرىنىڭ توختىماي ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئۆزىدىن ھالقىشتىن ئىبارەت جان تىكىپ ئېلىشىش مۇساپىسىنى قالتىس نامايان قىلىپ، يېشىل، ھەمبەھرە، ئوچۇق، پاك بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېسىل، ئالاھىدە، قالتىس ئولىمپىك يېڭى سەھىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەرنىڭ ساغلام تۇرمۇش ئىدىيەسىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جۇڭخۇا تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئولىمپىك قانىلى ھەم رەقەملىك سۇپىسىنىڭ تارقىتىشنى باشلاش، تورغا چىقىرىلىش مۇراسىمى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مۇراسىمدا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخنىڭ سىنلىق تەبرىك سۆزى قويۇلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم تارقىتىش باشلانغانلىقى، تورغا چىقىرىلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئولىمپىك قانىلى مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم نەتىجە بولۇپ، تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە رەقەملىك سۇپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئولىمپىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سىرتقا تارقىتىش نامى 16-CCTV بولۇپ، خەلقئارادا تۇنجى بولۇپ 4K ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى سۈزۈكلۈك ۋە يۇقىرى سۈزۈكلۈك ئۆلچىمى بىلەن 24 سائەت سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ماس قەدەمدە تارقىتىلىدىغان كەسپىي تەنتەربىيە قانىلى ھېسابلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ