مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دورىنىڭ ئۈنۈمى باھاسى بىلەن ئۆلچىنەمدۇ؟

2021.10.28 23:33 مەنبە: تىيانشان تورى

بىزدە ‹‹ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق›› دېگەن تەمسىل بار. بۇ تەمسىل بويىچە بولغاندا، دورىنىڭمۇ ئەرزىنىغا قارىغاندا قىممىتىنىڭ ئۈنۈمى زور بولىدۇ. بىراق، ئەمەلىي ئەھۋال ئۇنداق بولمايدۇ.

ھازىر بازارغا سېلىنغان نۇرغۇن دورىنىڭ باھاسى يۇقىرى. بەزى دورىلارنىڭ قىممەت بولۇشىدا ھەرخىل سەۋەب بار. دورا خام ئەشيالىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى، دورا ياساش تېخنىكىسىنىڭ قىيىن بولۇشى سەۋەبلىك، بەزى دورىلارنىڭ تەننەرخى ئېشىپ، ئۇنىڭ باھاسى تەبىئىي ھالدا يۇقىرى بولۇپ چىقىدۇ. بۇ، دورىلارنىڭ ئۈنۈمى ۋە ناچار تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. كۆپىنچە ئەھۋالدا دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرى مۇرەككەپ بولمىسىمۇ، لېكىن زاۋۇت تەرەپ دورا ئېلانىغا زور مەبلەغ ئاجرىتىدۇ ۋە شۇ مەبلەغنى ئىمكانقەدەر يىغىۋېلىش ئۈچۈن، دورىلىرىغا يۇقىرى باھا قويۇش سىياسىتىنى قوللىنىدۇ.

ئىمپورت قىلىنغان دورىلار ئۆز باھاسى، كىرگۈزۈش بېجى ۋە باشقا خىراجەتلەرنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەنلىرىگە قارىغاندا خېلىلا قىممەت بولىدۇ. يېقىندىن بۇيان دۆلەت مال باھا تارماقلىرى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىلگىرى قىممەت سېتىلغان نۇرغۇن دورىنىڭ باھاسىنى خېلىلا تۆۋەنلەتتى. بۇ، بۇ دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئىلگىرىكىگە يەتمەيدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. دېمەك، بىز بىر دورىنىڭ ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغان – بەرمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشى، ناچار تەسىرىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى، ئوخشاش تۈردىكى دورىلارنىڭ باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى ياكى تۆۋەنلىكىگە قارىشىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ