1. نەملىك ساقلاش: تەرخەمەك مايسىلىرىنى ئۇلىغاندىن كېيىنكى ئۈچ – بەش كۈندە نىسبىي نەملىكنى%90 ئەتراپىدا ساقلاش لازىم. ئالدىنقى مەزگىلدىكى نەملىكنى ساقلاش ئۈچۈن كىچىك لاپاس، مايسا تەشتىكىنى قاندۇرۇپ سۇغارغاندىن سىرت، لاپاسنى ھىم ئېتىش لازىم.
2. ئىسسىقلىق ساقلاش: تەرخەمەكنى ئۇلىغاندىن كېيىن كىچىك لاپاسنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى كۈندۈزدە 25 – 30 سېلسىيە گىرادۇستا، كېچىسى 12 – 16 سېلسىيە گىرادۇستا كونترول قىلىش، ئۈچ كۈندىن كېيىن كۈندۈزلۈك تېمپېراتۇرىسىنى 25 – 27 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكۈزۈش، كېچىلىك تېمپېراتۇرىسىنى 14 – 16 سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلىتىش لازىم.
3. ھاۋا ئالماشتۇرۇش: تەرخەمەك مايسىلىرىنى ئۇلاپ ئىككى – ئۈچ كۈندىن كېيىن، كىچىك لاپاس ئۈستىدىن تۆشۈك ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە ھاۋا ئالماشتۇرۇش تۆشۈكىنى بارا – بارا چوڭايتىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش لازىم. مايسا ئەھۋالىنى ئوبدان كۆزىتىپ، مايسىدا سولىشىش كۆرۈلسە ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى توختىتىپ سايە چۈشۈرۈش ۋە سۇ پۈركۈش ئارقىلىق نەملىكنى ساقلاش لازىم.
4. سايە چۈشۈرۈش: تەرخەمەك مايسىلىرىنى ئۇلاپ ئۈچ كۈنگىچە كۆپرەك سايە چۈشۈرۈش، ئۇنىڭدىن كېيىن سايە چۈشۈرۈشنى تەدرىجىي ئازايتىش كېرەك.
5. بىخنى ئېلىش: تەرخەمەك مايسىسىنى ئۇلاپ بىر ھەپتىگىچە ئۇلاق تۈۋىنىڭ يان بىخىنى ۋاقتىدا ئېلىۋېتىش لازىم. بىخنى ئالغاندا ئۇلاق تۈۋىنىڭ قوزغىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
6. كېسەل ۋە زىيانداش ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش: تەرخەمەك مايسىلىرىدا كۆپىنچە ئاق توزان كېسىلى بىلەن ئاق توزاق پىتىنىڭ زىيىنى كۆرۈلىدۇ. ئاق توزان كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن %15لىك تىرىئادىمېفون (酮唑三) پاراشوكىنىڭ 2000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى ياكى %50لىك باۋىستىن (灵菌多) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 500 – 800 ھەسسىلىك سۇيۇقلۇقىنى چېچىش لازىم. ئاق توزان پىت بايقالغاندا %10لىك ئىمىداكلورد (啉虫吡) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 1000 – 1500 ھەسسىلىك سۇيۇقلۇقىنى چېچىش لازىم.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ