مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تىراكتورنىڭ تورمۇزىنى تەڭشەش ئۇسۇللىرى

2021.10.28 23:32 مەنبە: تىيانشان تورى

تىراكتورنى ئىشلىتىشتە تورمۇز ئەڭ مۇھىم قۇرۇلما بولۇپ، سۈركەلمە پىلاستىنكىلارنىڭ ئۇپرىشى سەۋەبىدىن، سۈركەلمە پىلاستىنكا بىلەن تورمۇز بارابانى ئوتتۇرىسىدىكى يوچۇق چوڭىيىپ كېتىپ، تورمۇز ئىشلىمەس بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۇنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

تىراكتور ھەيدىگەندە: (1) تورمۇز پېدالىنىڭ ئەركىن مۇساپىسى بەك چوڭ بولۇپ كېتىشىدىن تورمۇز ئىشلىمىسە؛ (2) تورمۇز تەپكىسىنىڭ ئەركىن مۇساپىسى ۋە سۈركەلمە پىلاستىنكا بىلەن تورمۇز بارابانى ئوتتۇرىسىدىكى يوچۇق بەك كىچىك بولۇپ قېلىپ، دائىم يېرىم تورمۇزلىنىش ھالىتىدە تۇرسا؛ (3) ئوڭ – سول تەرەپنىڭ تورمۇزلىنىش كۈچى بىردەك بولماي، تىراكتوردا ‹‹بىر تەرەپكە قېچىش›› ئەھۋالى كۆرۈلسە، تۆۋەندىكىدەك تەڭشەش كېرەك:

1. تورمۇز تەپكىسىنىڭ ئەركىن مۇساپىسىنى تەڭشەشتە تورمۇز تارتقۇسى، قۇلۇپلاش گايكىسى بوشىتىلىدۇ. تورمۇز تارتقۇسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇزۇنلۇقىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تورمۇز تەپكىسىنىڭ ئەركىن مۇساپىسى تەڭشىلىدۇ. تورمۇز تەپكىسى كابىنكا پولىدىكى توساق تاختىغا تاقاشقىچە بوشىتىلىدۇ. تورمۇز پىشاڭىنىڭ يەلكىسىدىكى تۇتاشتۇرۇش چۈلۈكى چىقىرىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ تۇتاشتۇرۇش ئاچىسى تورمۇز پىشاڭى يەلكىسى ئارقىسىغا قىيسايغىچە بۇرۇلىدۇ. تۇتاشتۇرۇش چۈلۈكى قۇراشتۇرۇلۇپ، تورمۇز تاختىسىنىڭ تەڭشەش گايكىسى ئاخىرىغىچە چىڭىتىلىپ، ئاندىن كەينىگە ئالتە – يەتتە ئايلانما قايتۇرۇلىدۇ. ئاخىرىدا تورمۇز تەپكىسىنى ئاخىرىغىچە دەسسەپ قۇلۇپلىنىدۇ. ئارقا كۆۋرۈك قېپى ئادەتتىكى تەڭشەش ۋېنتىسىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇراپ كىرگۈزۈلۈپ (تورمۇز تاسمىسى ئاخىرىغىچە تىرىلىدۇ)، ئاندىن كەينىگە 1 – 1.5 ئايلانما قايتۇرۇلىدۇ؛

2. تورمۇز باشقۇرۇش قۇرۇلمىلىرىنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن سىناق قىلىپ تەكشۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ تەرتىپى مۇنداق: ئوڭ – سول تورمۇز تەپكىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ قۇلۇپلاش، تىراكتورنى تۈز يولغا ھەيدەپ چىقىپ، يۇقىرى سۈرئەتتە تۈز سىزىق بويىچە يۈرۈۋاتقاندا، ئاساسىي مۇفتىنى ئايرىپ تۇرۇپ جىددىي تورمۇزلاش كېرەك. ئاندىن تىراكتورنى توختىتىپ، قوزغىتىپ، چاقىنىڭ يولدا قالدۇرغان ئىزىنى تەكشۈرۈش لازىم. ئەگەر ئوڭ – سول قوزغىتىش چاقلىرىنىڭ يولدا قالدۇرغان ئىزلىرى بىردەك بولسا (پاراللېل ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش بولسا) تەڭشەش مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا قايتىدىن تەڭشەش كېرەك. ئەگەر تەكرار تەڭشەپمۇ ئوڭشالمىغاندا، تورمۇزنىڭ ئىچكى قىسمىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ