بىر قىسىم كىشلەر تاماقنى بەك تېز يەيدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشلەر بەك ئاستا يەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تاماقنى بەك تېز يېسە، يېمەكلىكلەر يېتەرلىك چاينالماي، چوڭراق يېمەكلىك پارچىلىرى ئاسانلا قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسى ۋە ئاشقازاننى زەخمىلەندۈرىدىكەن. تاماقنى بەك ئاستا يېسىمۇ ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز بولىدىكەن. چۈنكى ھەزىم قىلىش فېرمېنتى تاماقتىن كېيىنكى 10 نەچچە مىنۇتتا يۇقىرى چەككە يېتىدىكەن.بۇ ۋاقىت يېمەكلىكنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ھەزىم قىلىنىش ۋاقتى بولۇپ، ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن. شۇڭا بىر ۋاق تاماقنى 20 مىنۇت ئەتراپىدا يەپ بولۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ