مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئادەمنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىدىغان بەش خىل يېمەكلىك

2021.10.28 23:31 مەنبە: تىيانشان تورى

مايلىق بېلىقلار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، ساردىن بېلىقى، سالمون بېلىقى ۋە ماككېرېل بېلىقى قاتارلىق تەركىبىدە ئومېگا 3 ياغ كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا مېڭە ساغلاملىقى ۋە مېڭە ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولىدىكەن.

يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىكەن. پالەك قاتارلىق يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردا ۋىتامىن C ۋە بېتا كاروتىن ناھايىتى مول بولۇپ ئۇلار ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدىكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردا يوپۇرماق كىسلاتاسىمۇ نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا، ئۇلار ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشى ھەم يادرو كىسلاتاسى، ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ئاقسىللارنىڭ بىرىكىشىدە مۇھىم رول ئويناپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ئىكەن.

تۇخۇم تۇخۇمدا تۆمۈر، يود ۋە ۋىتامىن B12 قاتارلىق تەركىبلەر ناھايىتى مول بولۇپ مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان ئېسىل يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. تۆمۈر ئېلېمېنتى بەدەننىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسى ھاسىل قىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، قىزىل قان ھۈجەيرىسى مېڭىگە ئوكسىگېن يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يودمۇ كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، قول سېلىپ ئىشلەش ۋە سىناق قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.

يېشىل چاي تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، كۈندە بىر ئىستاكان يېشىل چاي ئىچىشنىڭ سەزگۈرلۈكنى كۈچەيتىش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا ياردىمى بولىدىكەن، يېشىل چايدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپلار ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدىكەن.

قارا شاكىلات قارا شاكىلاتتا فلاۋون تۈرىدىكى تەركىبلەر مول بولۇپ قارا شاكىلاتنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش بىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، فلاۋون تۈرىدىكى خىمىيەلىك بىرىكمىلەرنى تولۇقلاش يېڭى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەردە يېڭى ئەسلىمىلەرنى پەيدا قىلىدۇ، مېڭىدىكى قان ئايلىنىشىنى ياخشىلايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ