مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىشخانا رايونىدىكى پاكىز بولمىغان ئورۇنلار

2021.10.28 23:31 مەنبە: تىيانشان تورى

كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدە، ئىشخانا ھەر كۈنى تازىلانغانلىقتىن، پاكىزلىقىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىشخانا رايونىدىكى بۇلۇڭ – پۇچقاقلار كېسەللىكلەرنى تارقىتىدىغان ئورۇن. ئىشخانىدىكى باكتېرىيەلەر ھاجەتخاندىكى باكتېرىيەلەرنىڭ 400 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. يېقىندا، ئامېرىكىدىكى ياخۇ تورىنىڭ ساغلاملىق قانىلى ئىشخانا رايونىدا پاكىز بولمىغان ئورۇنلارنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

لىفىتنىڭ كۇنۇپكىسى ئەگەر، ئىشخانا ئېگىز قەۋەتلىك بىنادا بولسا، بىز ئىشخانا رايونىغا بارغىچە تۇنجى بولۇپ لىفىتنىڭ كۇنۇپكىسى بىلەن ئۇچرىشىمىز. ھەر كۈنى ئەتىگەندە لىفىتنىڭ كۇنۇپكىسىنى تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكا ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇھىت ئىلمى پىروفېسسورى، باكتېرىيە تەتقىقات مۇتەخەسسىسى چارلېس گېربا ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ئىچىدە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باكتېرىيە ئەڭ مەركەزلەشكەن ئورۇننىڭ بىرى لىفىتنىڭ كۇنۇپكىلىرى ئىكەنلىكى، ھەر كىۋادرات سانتىمېتىر كۇنۇپكىدا 540 باكتېرىيەنىڭ بارلىقى، باكتېرىيەنىڭ سانى تەرەت تۇڭىنىڭ ياپقۇچىنىڭ 17 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇڭا، لىفىتنىڭ ئىچىدىن زۇكام ۋە ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، لىفىتنىڭ كۇنۇپكىسىنىڭ ئۈستىنى يېپىپ تۇرۇپ بېسىش كېرەك.

توڭلاتقۇ ۋە مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ تۇتقۇچى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئۆزى تەييارلىغان تاماقنى ئىدارىگە ئېلىپ كېلىپ، ئىدارىنىڭ توڭلاتقۇسى ۋە مىكرو دولقۇنلۇق ئوچىقىنى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭدا يېمەكلىكنى ساقلايدۇ ۋە ئىسسىتىدۇ. 2013 – يىلى ئامېرىكا ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا، ئىشخانا رايونىدىكى توڭلاتقۇ ۋە مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ تۇتقۇچىدىن كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ چۈشكۈرۈش ۋە يۆتەلدىن تېز بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. پەقەت بىر خىزمەتچى ئاغرىپ قالسا دەم ئېلىش ئۆيىدىكى بارلىق ئىشخانا بۇيۇملىرىنىڭ تۇتقۇچلىرىغا كېسەللىك باكتېرىيەسى يۇقىدىكەن. ئۆلچىنىشىچە، ئىشخانا رايونىدىكى %80 توڭلاتقۇنىڭ تۇتقۇچىدا 100 مىڭدىن 10 مىليونغىچە چوڭ ئۈچەي باكتېرىيەسى، لىمون كىسلاتاسى تاياقچە باكتېرىيەسى ۋە كېربىس ئۇرۇق باكتېرىيەسى بار ئىكەن. شۇڭا، ئىدارە – ئورۇنلاردا توڭلاتقۇ ۋە مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ئىشلەتكەندە، باكتېرىيەگە قارشى ھۆل قەغەز بىلەن تۇتقۇچنى سۈرتۈپ، تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قولنى يۇيۇش كېرەك.

سۇ قاينىتىش ئۈسكۈنىسى ئامېرىكا ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى سۇ قاينىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ جۈمىكى ئىشخانا رايونلىرىدىكى باكتېرىيە ئەڭ كۆپ ئورۇن بولۇپ، تۆت سائەتتە تارقىلىشچان زۇكام ۋە ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى ۋىرۇسى ئاغرىپ قالغان ئىشچى – خىزمەتچىدىن باشقا رايونلارغا يۇقىدىغانلىقىنى بايقىغان.

كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسى بىر تۈرلۈك مىكرو بىيولوگىيە تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىغا ئېچىتقۇ باكتېرىيەسى، زەھەرلىك باكتېرىيە ۋە ئالتۇن سېرىق رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل باكتېرىيەلەر يوشۇرۇنۇۋالىدىغان بولۇپ، ھەر كىۋادرات سانتىمېتىرلىق كۇنۇپكا تاختىسىدىكى باكتېرىيە 3200 دىن ئارتۇق بولغاچقا، كومپيۇتېرنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، باكتېرىيەگە قارشى ھۆل قەغەز بىلەن كۇنۇپكا تاختىسىنى سۈرتۈش كېرەك.

ئىش بېجىرىش ئۈستىلىدىكى تېلېفون ئىشخانىدىكى تېلېفونغا نۇرغۇن باكتېرىيەلەر يوشۇرۇنۇۋالىدىكەن، بولۇپمۇ تۇرۇپكىدىكى ھەر كىۋادرات سانتىمېتىر ئورۇندا 162 مىڭ باكتېرىيە بولۇپ، بۇ باكتېرىيەلەر ئىككى قول ۋە يۈز بىلەن ئۇچرىشىپ، تارقىلىشچان زۇكام پەيدا قىلىدىكەن. شۇڭا، ئىككى قولنىڭ باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ئېغىزنى تۇرۇپكىدىن يىراق تۇتۇش كېرەك.

نۇسخائالغۇ نۇسخائالغۇ ئىشخانىدا ئىشلىتىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ئۈسكۈنە بولغاچقا، ئۇنى ئىشلىتىدىغانلار كۆپ بولىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، نۇسخائالغۇنىڭ ئېكرانىدا نۇرغۇن گەندە، سۈيدۈك باكتېرىيەسى، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى ۋە ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى بار ئىكەن، ئەگەر ئاغرىپ قالغان بىر ئادەم ئىشلەتسە، نۇسخائالغۇنىڭ ئىسسىق مۇھىتىدا كېسەللىك ۋىرۇسى پۈتكۈل ئىشخانا رايونىدىكى كىشىلەرگە يۇقىدىكەن. شۇڭا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپى بويىچە، نۇسخائالغۇنى ئىشلىتىشنىڭ ئالدى – كەينىدە دېزىنفېكسىيەلەنگەن لۆڭگە بىلەن قول ۋە نۇسخائالغۇنى سۈرتۈش كېرەك.

ئىش بېجىرىش ئۈستىلى كىشىلەر ئادەتتە ئىش بېجىرىش ئۈستىلىنىڭ پاكىز ھالىتىنى كۆرۈپ سۈرتۈشنى ئويلىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر كىۋادرات سانتىمېتىر ئىش بېجىرىش ئۈستىلىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق باكتېرىيە بولۇپ، ھاجەتخانىدىكى باكتېرىيە سانىنىڭ 400 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. ئامېرىكا ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈستىلىدىكى باكتېرىيەنىڭ سانى ئەر ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈستىلىدىكى باكتېرىيە سانىنىڭ ئۈچ – تۆت ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. چۈنكى، نۇرغۇنلىغان ئاياللار پارچە – پۇرات يېمەكلىكلەرنى يېيىش، گىرىم بۇيۇملىرىنى ئۈستەلگە قويۇشقا ئامراق بولغاچقا، باكتېرىيەلەر سۇقۇنۇپ كىرىۋالىدىكەن. شۇڭا، باكتېرىيەگە قارشى ھۆل قەغەز تەييارلاپ، ئىش بېجىرىش ئۈستىلىنى ئىشقا چىققان ۋە ئىشتىن چۈشكەندە سۈرتىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ