توكداننى ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىشقا بولامدۇ؟
مەملىكىتىمىز خەلق ئاۋىياتسىيە بەلگىلىمىسى بويىچە، يولۇچىلارنىڭ زاۋۇت ئادرېسى، ئىشلەنگەن ۋاقتى، لاياقەتلىك ئىجازەتنامىسى ئېنىق يېزىلغان، ئېنېرگىيەسى 160 ۋات – سائەت ئىچىدىكى توكداندىن ئىككىنى ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. لېكىن توكداننى يۈك – تاقلار بىلەن قوشۇپ توشۇش مەنئى قىلىنىدۇ.
چۈنكى توكداننىڭ مۇھىم ھالقىلىق زاپچىسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش ئۆزىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى لىتىيلىق باتارېيە پولىمېر بولغاچقا، لىتىيلىق باتارېيەنىڭ يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىكى مۇھىتتا ئىسسىقلىققا يولۇققاندا ئاسانلا ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىشتەك تەرەپلىرى ئويلىشىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، توكداننى بىۋاسىتە يۈك – تاقلار ئارىسىغا سېلىپ توشۇشقا بولمايدۇ، توكدان يۈك – تاقلار ئارىسىغا سېلىنسا قىسىلىش ۋە سوقۇلۇش زەربىسى تۈپەيلىدىن ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ، ئايروپىلاننىڭ بىخەتەر ئۇچۇشىغا خەۋپ يېتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ