يېقىندا، شاڭخەي شەھەرلىك سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى ئېلان قىلغان ‹‹يالتىراق بىلەن مۇقاۋىلانغان (تاشلانغان) كىتابلارنىڭ سۈپىتى توغرىسىدىكى بىخەتەرلىك بويىچە بېرىلگەن ئالدىن سىگنال›› دېگەن دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، كىتاب مۇقاۋىسىغا ئىشلىتىلگەن يالتىراقنىڭ تەركىبىدىكى فىتالات كىسلاتا ئېستېر كۆپەيتمىسى بەلگىلىگەن تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغاچقا، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يەتمىگەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىچە، فىتالات كىسلاتا ئېستېر كۆپەيتمىسىدىن ئىشلەنگەن يۇمشاق يالتىراق بۇيۇملار بالىلارنىڭ جىگەر ۋە بۆرىكىگە زىيانلىق بولۇپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىي جەھەتتە بالدۇر يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا، كىتاب مۇقاۋىلىغاندا (تاشلىغاندا) ياخشىسى قەغەز بىلەن مۇقاۋىلىغان تۈزۈك.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ