خەتلەر پېچەتلىك
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.29 17:08 مەنبە: خەلق تورى
دىمىسەڭمۇ كەت مېنى،كېتەر ئىدىم، بىر كۈنى ،
ۋىسالىغا ئازاپنىڭ يېتەر ئىدىم،بىر كۈنى .
ئادەم بىلەن ھاۋادىن ئۇدۇم بۈيۈك ئايرىلىش!
پۇشايماندىن تىل-تۇمار پۈتەر ئىدىم، بىر كۈنى.
خەتلىرىڭنى قەلبىمگە قويدۇم نىگار پىچەتلەپ،
ئەسلىمەڭدىن ئۆڭمەيلا، ئۆچەر ئىدىم بىر كۈنى.
تەستەكلەيدۇ يۈرەكنى كەچمىشلىرىڭ رەتمۇ-رەت،
ئەڭ ئاداققى يېشىمنى تۆكەر ئىدىم بىر كۈنى.
كېتىش دىگەن قانچىلىك ئىدى نىگار يىنىڭدىن،
دىمىسەڭمۇ سۆيگۈچۈن ئۆلەر ئىدىم بىر كۈنى ....
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر