باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>جۇڭگو ئارزۇسى

جۇڭگو ئارزۇسىنى چۈشەندۈرۈش — روبىرىت . لولىن .كۇئىن

2013.07.25 08:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو باسماقچى بولغان يول ئومۇمىي تەركىب بىلەن قىسمەن تەركىبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاكتىپ پسىخىكا ئىلمىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككى تەرەپ ئورتاق ھالدا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

  «جۇڭگو ئارزۇسى» ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى، ئەمما كىشىلەر يەنىلا بۇنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشىدۇ. بۇ يىل 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما بىلەن كالىفورنىيەدىكى سۆھبەتتە: «جۇڭگونىڭ ئارزۇسى دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك، خەلقنىڭ بەختلىك، تىنچ تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلغان ھەمكارلىق ۋە ئورتاق بولغان غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بۇ ئامېرىكا ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەن ھەر قايسى دۆلەتلەر خەلقىنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئوخشاش» دەپ كۆرسەتكەن.

  «مەدەنىيەت ھالقىغان پسىخىكا ئىلمى» نىڭ مۇتەخەسسىسى پىڭ كەيپىڭ شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىغا يۇقىرى باھا بەردى. پىڭ كەيپىڭ: «گەرچە جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن ئامېرىكا مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئوخشاش تەرەپلىرى بار. ئامېرىكا مەدەنىيىتى شەخسىيلىككە ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو مەدەنىيىتى كوللېكتىپقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ دەل ئامېرىكا ئارزۇسىنىڭ شەخسلەرنىڭ بەختلىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى، ئەمما جۇڭگونىڭ ئارزۇسى بولسا كوللېكتىپنىڭ غايىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىراق، ئىككى دۆلەت خەلقى گۈللىنىش ۋە تىنچلىقىنى قوغلىشىدۇ. ئىككى دۆلەت خەلقى ئارزۇنى ئاساسى قوزغىتىش قىلغان ھەمدە شۇ ئارزۇنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش» دېگەن.

  پىڭ كەيپىڭنىڭ ئۆزى بولسا ئامېرىكا ئارزۇسى بىلەن جۇڭگو ئارزۇسى ئورتاقلىقىنىڭ تىپىك مىسالى. ئۇ جۇڭگودا تۇغۇلغان، 27 يېشىدا ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىدا پسىخىكا ئىلمى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇغان. ئاخىرىدا ئۇ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىنىڭ مەڭگۈلۈك پروفېسسورىغا ئايلاندى، مەكتەپ ئەتراپىدىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدى، ئائىلىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى، ئىككى بالىسى ئامېرىكىدا تۇغۇلدى. خۇددى نەچچە مىڭ بىرىنچى ئەۋلاد كۆچمەنگە ئوخشاش، ئۇ قىزغىنلىق، ئۆگىنىش ۋە تېرىشىش ئارقىلىق ئۆزنىڭ ئامېرىكا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  ئەمما، پىڭ كەيپىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. 2008-يىلى، بوكلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ئۇ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى پسىخىكا كافىدىراسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ھەمدە باشتىن-ئاخىر سىنىپ مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. «مېنىڭ جۇڭگوچە ئارزۇيۇم بولسا پسىخىكا ئىلمى ئارقىلىق باشقىلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» پىڭ كەيپىڭ يەنە: «پسىخىكا ئىلمى خۇددى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئوخشاش، ئادەتتىكى پۇقرالارغا ياردەم بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

  پسىخىكا ئىلمى قانداق قىلىپ جۇڭگو ئارزۇسىغا ياردەم بېرەلەيدۇ؟ جاۋابى بولسا «ئاكتىپ پسىخىكا ئىلمى». 1998-يىلى، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مادىڭ. سەيلو بۇ خىل يېڭى پسىخىكا ئىلمىنىڭ يېڭى تارمىقىغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى بولسا پەن تېخنىكىنى ئاساسى ئورۇنغا قۇيۇپ، شەخس، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاكتىپ پسىخىكا ئىلمى جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە