باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى>>يېڭى سىياسەت

مەركەزدىكى مىنىستىر، كومىتېتلار ئاپتوموبىل تولۇقلىمىسى تارقىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن سىرتقا چىقىپ ئاپتوموبىل ئىشلەتكەندە كەتكەن ماي پۇلىنى ئۆزى كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى

2015.01.05 18:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىلى 31-دېكابىر، مەركەز ئورگان، ئورۇنلىرى ئاپتوموبىل ئىسلاھاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكى: 2014-يىلى 17-ئىيۇلدا ئېلان قىلىنغان «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى لايىھەسى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاشقا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشتى. مۇخبىر 4-يانۋار خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، دۆلەت يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئونغا يېقىن مەركەزنىڭ ئورگان، ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلدى، نۇرغۇن ئورۇنلارنىڭ ئاپتوموبىل ئىسلاھاتى لايىھەسى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشكەن، قىسمەن ئورۇنلارنىڭ ئاپتوموبىل ئىسلاھاتى لايىھەسى يەنىلا تەستىقلىنىۋاتقان.

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتچىلىرى 4-يانۋار مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاپتوموبىل ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغانلىقى ۋە بۇلتۇر 12-ئايدىن باشلاپ ئاپتوموبىل تولۇقلىمىسى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر