باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى>>يېڭى سىياسەت

ئۈچ تارماق ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئېلان قىلدى

2015.01.05 18:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىجتىمائىي كۈچلەر بېجىرەلەيدىغان ئىشلارنى ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇش كېرەك (سىياسەت يەشمىسى)خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سېتىۋېلىش ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسى يەنىمۇ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا «ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى (ۋاقىتلىق چارىسى)»نى تارقىتىپ، 2015-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. مۇخبىر چارىغا مۇناسىۋەتلىك كونكرېت مەزمۇن ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سېتىۋېلىش قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىسى توغرىسىدا ئالاقىدار تارماق ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.

  نېمە سېتىۋېلىش

  خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر ئالدىن ئويلىشىپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاممىۋىلىق ۋە جامائەت پاراۋانلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سېتىۋېلىشتىكى ئاساسىي پرىنسىپى. بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ساھەلەر، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق تۈرلەر نۇقتىلىق ئويلىشىپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سېتىۋېلىش دائىرىسى ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيىسى بىلەن ماس كېلىدۇ.

  مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سېتىۋېلىش مەزمۇنى بازارلىشىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەشكە ماس كېلىدىغان، ئىجتىمائىي كۈچلەر ئۈستىگە ئالالايدىغان مۇلازىمەت تۈرلىرى بولۇشى كېرەككەن. مەسىلەن، ھۆكۈمەت يېڭىدىن كۆپەيتكەن ياكى ۋاقىتلىق، باسقۇچلۇق مۇلازىمەت تۈرلىرى، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا ماس كېلىدىغانلىرى ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەككەن. ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىنىڭ دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ۋە ھۆكۈمەت بىۋاسىتە تەمىنلەيدىغان، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا ماس كەلمەيدىغان مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئىجتىمائىي كۈچلەردىن سېتىۋالماسلىقى كېرەككەن.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بەي جىڭمىڭ مۇنداق دېدى: باشقۇرۇش چارىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سېتىۋېلىش پرىنسىپى ۋە مۇھىم نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يېتەكچى مۇندەرىجىسى تېخىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈلدى. بۇ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش، جامائەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاشتىكى بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش، جەمئىيەت ئېھتىياجلىق بولغان كۈتۈنۈش، ئائىلە مۇلازىمىتى، مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەشتۈرۈشكە پايدىلىق. ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي كۈچلەردىن مۇلازىمەت سېتىۋېلىشى ھۆكۈمەتنىڭ ھەممىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق بولۇپ، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق كۆپ مەنبەلىك جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېتەرسىزلىكنى تېزدىن تولۇقلاپ، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيىسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر