مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خانلىقنىڭ شەھەرىستان خارابىسىدىكى مۇھىم بايقاش

لياۋ سۇلالىسىنىڭ ئاستانىسى شاڭجىڭدىكى شەھەرىستان خارابىسىدىن چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ئۇلى بايقالدى

2023.02.22 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، 2022-يىل 6-ئايدا ئارخېئولوگلار لياۋ سۇلالىسىنىڭ ئاستانىسى شاڭجىڭدىكى شەھەرىستان خارابىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ئۇلىنى بايقىغان.لياۋ سۇلالىسىنىڭ ئاستانىسى شاڭجىڭنىڭ شەھەرىستان خارابىسى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بارىن سول خوشۇنى لىندۇڭ بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى. 2022-يىل 6-ئايدىن 10-ئايغىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىلەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە لياۋ سۇلالىسى ئاستانىسى شاڭجىڭدىكى شەھەرىستاننى تەكشۈرۈش ئارخېئولوگىيە ئەترىتى تەشكىللەپ، لياۋ سۇلالىسىنىڭ ئاستانىسى شاڭجىڭدىكى شەھەرىستان خارابىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ئۇلىنى ئارخېئولوگىيەلىك قازدى.

  بۇ قېتىم قېزىلغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ئۇلى لياۋ سۇلالىسىنىڭ ئاستانىسى شاڭجىڭدىكى شەھەرىستان خارابىسىدىكى نەنمېن چوڭ كوچىسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلى يەر يۈزىدىن بىر قەدەر ئېگىز.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى ۋاڭ يىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «لياۋ سۇلالىسى تارىخى»دا خاتىرىلىنىشىچە، لياۋ سۇلالىسىنىڭ ئاستانىسى شاڭجىڭدىكى شەھەرىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىغا كۇڭزى بۇتخانىسى، خانلىق بىلىم يۇرتى، بۇتخانا، تويىن ئىبادەتخانىسى قاتارلىق لياۋ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مۇھىم ئىمارەتلەر جايلاشقان. بۇ قېتىم لياۋ سۇلالىسىنىڭ ئاستانىسى شاڭجىڭ خارابىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن بايقالغان قۇرۇلۇش ئۇلىنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، سۇپىسىمان ئۇلىنىڭ كۆلىمى ۋە كەڭلىكى ئىلگىرى قېزىلغان ئوردا قۇرۇلۇشلىرىدىن چوڭ، جەنۇب يۆنىلىشىدىكى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ سېلىنىشقا باشلىغانلىقىنى، ئاستانىدىكى شەھەرىستان ئىچىدىكى ئورنى يۇقىرى بولغان خان جەمەتى قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ چوڭ تىپتىكى ئىمارەتنىڭ ئۇلىدىن قېزىۋېلىنغان يادىكارلىقلار ئاساسلىقى قۇرۇلۇش بۇيۇملىرى، ساپال بۇيۇملار، لاي ھەيكەل، مىس پۇل قاتارلىقلار بولۇپ، قېزىۋېلىنغان يادىكارلىقلار روشەن يەر قاتلىمى بىلەن دەستىلىنىش مۇناسىۋىتىدە ئىكەن.

  بۇ چوڭ تىپتىكى ئىمارەتنىڭ يۆنىلىشى لياۋ، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە جەنۇبقا يۈزلەنگەن بولۇپ، ھويلا ئوق سىزىققا جايلاشقان، ھويلىنىڭ ئورنى ۋە ئومۇمىي كۆلىمى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۆزگەرمىگەن. ۋاڭ يىڭ مۇنداق دېدى، بۇ ئارخېئولوگلارنىڭ تۇنجى قېتىم لياۋ سۇلالىسى ئاستانىسى شاڭجىڭدىكى شەھەرىستان خارابىسىدە لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان جەنۇبىي يۆنىلىشتىكى چوڭ تىپتىكى ئىمارەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بولۇپ، لياۋ سۇلالىسى ئاستانىسى شاڭجىڭدىكى شەھەرىستان خارابىسى ئىمارەتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۆزگىرىشىگە بولغان تونۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئارخېئولوگلار بۇ چوڭ تىپتىكى ئىمارەتنىڭ ئۈچ قېتىم ياسالغان چاغدىكى چىڭدالغان سۇپا ئۇلى، تۈۋرۈكلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مۇناسىپ يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىنى قېزىپ ئېنىقلىدى. بۇ ئېنىقلاش بۇ چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشنىڭ لياۋ، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە داۋاملىق ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالغانلىقىدەك تارىخىي پاكىتتىن دېرەك بېرىپ، لياۋ، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قۇرۇلۇش ئۇلىنىڭ شەكلى، قۇرۇلمىسى ۋە بەرپا قىلىش ئۇسۇلىغا بولغان تونۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئارخېئولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئۈچ قېتىم سېلىنغان قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى، قەسىرنىڭ شەكلى، قۇرۇلمىسى ۋە ئۇلىنىڭ چىڭدىلىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ دەۋرۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ