مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭنىڭ شەھەر خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.02.22 09:44 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخىي ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ شەھەر خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  شەھەر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى پائالىيەت مەركىزى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەھەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ شەھەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە شەھەر تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ شەھەر خىزمىتىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، شەھەر تەرەققىياتىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شەھەر تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى، شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىدا كىمگە تايىنىش، كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەسىلە ھەمدە قانداق شەھەر قۇرۇش، شەھەرنى قانداق قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور تېمىغا چوڭقۇر جاۋاب بەردى، بۇ، شەھەر ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرنىڭ مۇھىت سۈپىتى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى، شەھەرنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىناق، ياشاشقا ماس كېلىدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان، خاسلىققا ئىگە زامانىۋى شەھەر قۇرۇپ، خەلق شەھىرى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «بايانلاردىن ئۈزۈندە» يەتتە مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 300 بۆلەك باياندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئايدىن 2022 - يىلى 12 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، تەبرىك خېتى، يوليورۇقى قاتارلىق 120 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەت - ئەسەردىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ