مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور نەتىجە

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدا

2023.02.10 08:55 مەنبە: خەلق تورى

  «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسىنى يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرىغا قويۇش ھەم چوڭقۇر بايان قىلىش پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىكى مۇھىم، زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىسى.» مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە

  كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر بايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرە كەڭ، ئىدىيە چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇن مول، بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسىنىڭ زور دەرىجىدە بېيىتىلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇشى بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، نەزەرىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە، پۈتۈن پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى توغرا چۈشىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يېقىنقى زاماندىن بۇيان، دۆلەت ئار - نومۇستا قالدى، خەلق ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولدى، مەدەنىيلىككە چاڭ - توزان قوندى، جۇڭخۇا مىللىتى مىسلىسىز كۈلپەتكە دۇچار بولدى. مىللەتنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سانسىزلىغان ئىرادىلىك زاتلار ھەر تەرەپكە بېرىپ چۇقان سالدى، ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنىڭ تۈرلۈك لايىھەلىرى كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى، لېكىن ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپە تارىخىي يوسۇندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلىرى دۆلىتىمىزنى زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈپ ئىجتىمائىي شارائىت ياراتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، مۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان سانائەت سىستېمىسى ۋە خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ۋە قىممەتلىك تەجرىبە، نەزەرىيەۋى تەييارلىق، ماددىي ئاساس سالدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش يېڭى مەزگىلىدە، پارتىيە پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تارىخىي تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، شۇنداقلا باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولغان تۈزۈلمە كاپالىتى ۋە تېز تەرەققىي قىلىدىغان ماددىي شارائىت بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان ئۇزاق مۇددەت ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئاساسىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتتى ۋە كېڭەيتتى. تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ماھىيىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم، زور پىرىنسىپىنى يىغىنچاقلاپ شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ ھېس قىلغىلى بولىدىغان، تېخىمۇ يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى. ئىستراتېگىيەنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەرنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. ئەمەلىيەت جەھەتتە ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، بىر قاتار ئۆزگىرىش ياساش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەتنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى، بولۇپمۇ مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تۈگىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور بەدەل تۆلەپ قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور نەتىجە، بىز جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىمىز ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.» يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەت دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكى، كۈرەشنىڭ كەسكىنلىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ مۈشكۈللۈكى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ، تارىختا ئاز ئۇچرايدۇ، دەل يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنى تىكلەنگەچكە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنى تىكلەنگەچكە، پارتىيەمىز پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى، تىنچ - ئامانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە ئېلىپ كىرىشكە تۈپتىن كاپالەتلىك قىلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتىلدى ۋە كېڭەيتىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى تىكلەش» بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش، بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى مۇساپىدە، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتنى ئۆز كۈچىمىز ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ داغدام يولىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلىسەك، دۆلىتىمىزنى چوقۇم باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز.

  پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە پۇختا ئىگىلەش زۆرۈر بولغان مۇھىم، زور پىرىنسىپى چوڭقۇر بايان قىلىندى ۋە چۈشەندۈرۈلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ دەۋر بۇرغىسى چېلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ يۆنىلىشى، كەلگۈسى تەقدىرى، ئاخىرقى ھېسابتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك»، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئورتاق ئالاھىدىلىكىگە، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاساس قىلغان روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە»، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى، ئۇلارنى پۈتۈنلەي يېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلىدى» دەپ كۆرسەتتى، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى، بۇ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە، سىستېمىلىق پىلانلاشقا، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا ئېھتىياجلىق» دەپ تەكىتلىدى، «جەزمەن كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆز رايونىمىز، ئۆز تارمىقىمىز، ئۆز ئورنىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇزاق مۇددەت ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور نەتىجە، بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ئىش. دەل مۈشكۈل بولغانلىقتىن ئۇلۇغ؛ دەل مۈشكۈل بولغانلىقتىن تېخىمۇ شەرەپلىك. ھازىر پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يۈكسەك جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىردىنبىر توغرا يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ