مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 2 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات بىخەتەرلىكى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك

2023.02.03 01:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 1 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدا 2 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش مەۋقەنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا قويۇپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، كەلگۈسى تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما. پەقەت يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتكەندىلا، ئاندىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، تەرەققىياتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، ئاندىن ھەر خىل ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش قىيىن بولغان كۈچلۈك بوران ـ چاپقۇن، شىددەتلىك دولقۇندا دۆلىتىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىقتىدارى، رىقابەت ئىقتىدارى، تەرەققىيات ئىقتىدارى، سىجىل داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىنىڭ ئاستىلاپ قالماسلىقىغا، ھەتتا ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى ھەم خىزمەت تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى، يىن لى، ليۇ گوجۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، چېن جىنىڭ، خۇاڭ كۇنمىڭ قاتارلىق يولداشلار ئۆزلىرى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھە ۋە يەرلىكنىڭ خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلدى، كۆپچىلىك پىكىر ئالماشتۇردى.

شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، بەزى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇش ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىنىپ، خىزمەت ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىنىپ، سىياسەت، تۈزۈم ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، لېكىن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق. مەسىلە يۆنىلىشى ۋە سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاساسلىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ تۈگىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش بىلەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئېھتىياج تەمىناتنى يېتەكلەيدىغان، تەمىنات ئېھتىياجنى يارىتىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، كىرىم تىرىكى بولغان ئىستېمال ئېھتىياجى، مۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى، دەسمايە ۋە قەرز چەكلىمىسى بولغان پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى كۈچەپ كېڭەيتىش كېرەك. ئاھالىلەر ئىستېمالىنى كېڭەيتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنى مۇقىم كىرىمى بولغان ھالدا ئىستېمال قىلالايدىغان، غەم ـ ئەندىشىسى يوق ھالەتتە يۈرەكلىك ئىستېمال قىلالايدىغان، ئىستېمال مۇھىتى ئەلا، ئېرىشىش تۇيغۇسى كۈچلۈك ھالەتتە ئىستېمال قىلىشنى خالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. سېلىنمىنى زورايتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇۋاپىق ئالدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر سېلىنمىسىنى زورايتىپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تەمىنلەشنى چەكلەپ قويۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتا، ئاجىز نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇستەقىل تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنلەش ئارقىلىق ھازىرقى ئېھتىياجنى مۇۋاپىق قاندۇرۇپ، يېڭى ئېھتىياجنى يارىتىش، يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، چەت ئەللەر «گالنى بوغۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. يېڭىچە پۈتۈن مەملىكەت تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ سەپلەپ، دۆلىتىمىزنى مۇھىم پەن ـ تېخنىكا ساھەسىدىكى يەرشارىۋى باشلامچىغا ئايلاندۇرۇپ، ئالدىنقى سەپتىكى گىرەلەشكەن ساھەلەردىكى يول ئاچقۇچىغا ئايلاندۇرۇپ، بالدۇرراق دۇنيانىڭ ئاساسلىق ئىلىم ـ پەن مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىش كېرەك. دۆلەتنى پەن ـ مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئايلىنىش شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش، توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، ئوچۇق يېڭىلىق يارىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ لايىھەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ھەرقايسى كەسىپلەرنى تەرتىپلىك زەنجىرسىمان ئۇلاش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك راۋانلاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى داۋاملىق تۈردە ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، يېڭى تىپتىكى سانائەتلىشىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى، سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى، تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە رەقەملىك كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىش كېرەك. كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، كەمتۈك كەسىپلەردە زەنجىرنى تولۇقلاش، ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە زەنجىرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە زەنجىر شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ داۋاملىشىشچانلىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدا تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يەرشارىۋى كەسىپ ئىش تەقسىماتى ۋە كەسىپ ھەمكارلىقىغا چوڭقۇر قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىپ، ئىچكى ـ تاشقى كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇستەقىل تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، بىخەتەر، ئىشەنچلىك، رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بولغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شەھەر ـ يېزا، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا ـ كەنتلەرنىڭ ئىستېمال بازىرى ۋە مۇھىم ئامىل بازىرى بولۇشتەك مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، شەھەر ـ يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆز ئالدىغا كىچىك ئايلىنىش شەكىللەندۈرۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، رايون توسۇقىنى تۈگىتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك. رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايونلار مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى قاتارلىقلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم، زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك مۇھىم ئامىللارنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، بازار ئىجازىتى، ئادىل رىقابەت، ئىجتىمائىي ئىناۋەت قاتارلىق بازار ئىگىلىكى ئاساسىي تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كاپىتالنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قائىدە، نىزام ـ تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق جەھەتلەردە تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا چوڭ ئايلىنىشتىكى سۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا قائىدىسى سۆھبىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئوچۇق، كۆپ مەنبەلىك، مۇقىم بولغان دۇنيا ئىقتىسادىي تەرتىپىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلاش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ