مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار پېشقەدەم يولداشلاردىن ھال سورىدى

2023.01.21 02:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

باھار بايرىمى ھارپىسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا خۇ جىنتاۋ، جۇ رۇڭجى، لى رۇيخۇەن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، سۇڭ پىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لى چاڭچۇن، لو گەن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى ۋە تيەن جىيۈن، چى خاۋتيەن، ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جاۋگو، خۇي لياڭيۈ، ليۇ چى، ۋۇ يى، ساۋ گاڭچۇەن، زېڭ پېييەن، ۋاڭ گاڭ، ليۇ يەندۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ما كەي، لى جيەنگو، فەن چاڭلۇڭ، مېڭ جيەنجۇ، گو جىنلۇڭ، ياڭ جيېچى، چېن چۈەنگو، گو شېڭكۇن، ۋاڭ خەنبىن، خې يۇڭ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خۇڭجۇ، يوۋ چۈەن، ۋاڭ بىڭچيەن، زوۋ جياخۇا، پېڭ پېييۈن، جوۋ گۇاڭجاۋ، لى تيېيىڭ، شۈ جيالۇ، جياڭ جېڭخۇا، گۇ شيۇليەن، رې دى، شېڭ خۇارېن، لۇ يۇڭشياڭ، ئۇيۈنچىمۇگې، خۇا جيەنمىن، چېن جىلى، جوۋ تيېنۇڭ، ئىسمائىل تىلىۋالدى، جياڭ شۇشېڭ، ساڭ گوۋېي، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، جاڭ پىڭ، شياڭبا پىڭسو، جاڭ باۋۋېن، تاڭ جياشۈەن، لياڭ گۇاڭليې، دەي بىڭگو، چاڭ ۋەنچۇەن، خەن جۇبىن، جيا چۇنۋاڭ، رېن جيەنشىن، سۇڭ جيەن، خۇ چىلى، ۋاڭ جۇڭيۈ، لى گۇيشيەن، جاڭ كېخۇي، خاۋ جيەنشيۇ، شۈ كۇاڭدى، جاڭ خۇەيشى، لى مېڭ، لياۋ خۇي، بەي لىچېن، چېن كۇييۈەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، لى جاۋجو، خۇاڭ مېڭفۇ، جاڭ مېييىڭ، جاڭ رۇڭمىڭ، چيەن يۈنلۇ، سۈن جياجېڭ، لى جىنخۇا، جېڭ ۋەنتۇڭ، دېڭ پۇفاڭ، لى ۋۇۋېي، چېن زۇڭشىڭ، ۋاڭ جىجېن، خەن چىدې، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، جوۋ شياۋچۇەن، ۋاڭ جيارۇي، چى شۈچۇن، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلاردىن تېلېفون قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھال سوراپ ياكى ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلارغا ھال سوراشنى ھاۋالە قىلىپ، پېشقەدەم يولداشلارغا بايراملىق سەمىمىي سالام يوللىدى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە، تېنىنىڭ ساغلام، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

پېشقەدەم يولداشلار بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى، ئۆتكەن بەش يىل ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە، ھاسىل قىلىنغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پېشقەدەم يولداشلار پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ