شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ھەم باھار بايرىمىنى ئورتاق كۈتۈۋالغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​تېخىمۇ جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇش روھىي ھالىتى بىلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

​ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

2023.01.18 01:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەم باھار بايرىمىنى ئورتاق كۈتۈۋالدى. ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ قاتارلىقلار قاتناشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەم باھار بايرىمىنى ئورتاق كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا، بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2023 - يىلى جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باشلىنىدىغان يىل، ئۈمىد بىلەن خىرىس تەڭ مەۋجۇت. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇش روھىي ھالىتى بىلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ ئەزالار ۋە ئالاقىلىشىدىغان ئاممىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشىنى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئوڭۇشلۇق ئېچىش، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ئەھۋالى ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت پىلانىنى تونۇشتۇردى. پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى شى نەنخۇامۇ سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى پائال تولۇق ئادا قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى باھار بايرىمى. كۆپچىلىك بىلەن بىر يەرگە خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، باھار بايرىمىنى ئورتاق كۈتۈۋېلىپ، دوستانە ئەركىن - ئازادە پاراڭلىشىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2022 - يىلى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل، شۇنداقلا پارتىيەمىز بىرلىك سەپ سىياسىتىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار «ئىرادىدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، يېڭى دەۋردە قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» سىياسىي جەھەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر مۇھىم، زور تېمىلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى، ئۈنۈملۈك تەدبىر يۈرگۈزۈشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى «10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتنى گۈللەندۈرۈش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ تۈپ سىياسىي ئاساسى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ بىرىنچى سىياسىي مەسئۇلىيىتى سىياسىيغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسىي ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان سىياسىي خىسلەتنى ساقلاش. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى سىياسىي جەھەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتىن يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئەزالار ۋە ئالاقىلىشىدىغان ئاممىنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارغا بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىنى دەل ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مەركىزىي ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پۈتۈن مەملىكەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئەۋزەللىكىنى مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش داۋامىدا كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش داۋامىدا سەمىمىي تەكلىپ بېرىپ، سىياسىي پارتىيەلەر كېڭىشىش داۋامىدا ياخشى چارىلەرنى كۆرسىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى خىزمەتدىشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دىققەتنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش كېرەك. شەكىلنى بېيىتىپ، يولنى كېڭەيتىپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. كەڭ ئەزالار ۋە ئالاقىلىشىدىغان ئاممىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىينى ئىگىلەش ئىقتىدارى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش - ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارى، تەشكىللەش - رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ پارتىيە بىلەن بىر نىيەتتە بولۇش، ۋەتەننى سۆيۈپ خەلقنى كۆزلەش، سەمىمىي ھەمكارلىشىش، كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆزىنى بېغىشلاشتىن ئىبارەت كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، تەشكىلىي جەھەتتە مۇستەھكەم، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك، ئىستىلى ئەلا، تۈزۈمى مۇكەممەل جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى ياخشى ئىشلەپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيەتچىل، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، پاك - دۇرۇس بولغان ياخشى ئوبراز تىكلەش كېرەك. بۇ يىل مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىل زاتلارنى تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك ۋە ياردەمچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شى تەيفېڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چېن شى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ