مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2023.01.20 02:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار بىلەن چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىدى ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە كەڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا چاغانلىق بەخت تىلىدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ ھەرقايسى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ 2022-يىللىق خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، 2023-يىللىق خىزمەتلىرىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك ھەرقايسى دىنىي تەشكىلاتلار پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، دىن ساھەسىدىكى خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دىن ساھەسىنىڭ نورمال تەرتىپى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى قائىدە-تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ تۈزۈلمىسى ۋە باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادچىللىقنى قەدىرلەپ، ھەشەمەتچىلىكتىن ساقلىنىش تەربىيەسى پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىنىي تەشكىلاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈك ۋە رىشتە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دىنىي ساھەدىكى زاتلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىققا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيىتى، جۇڭگو خىرىستىيان دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ