مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ھەمدە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ھال سورىغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئېنېرگىيە بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

خەن جېڭ قاتناشتى

2023.01.20 02:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 17-كۈنى چاغان ھارپىسىدا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن سىنلىق ھال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى چوڭ ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.

  لى كېچياڭ دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى ساڭدۇڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى شاڭخەي فېڭشيەن ئالماشتۇرۇش پونكىتىدىكىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، كارخانا مەسئۇللىرى ۋە خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: چاغان جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بايرىمى، بۇ مەزگىلدە توك تارقىتىش ۋە ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى پۈتۈن كۈن نۆۋەتچىلىك قىلىشى كېرەك، كۆپچىلىك جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ھەممە ئائىلىنىڭ چىراغلىرىنى ياندۇرۇپ، ئاممىنى يورۇق، ئىللىق چاغان ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. لى كېچياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش، باھا، توك چىقىرىش تەننەرخى ۋە ئۈنۈمىنى ئىگىلىدى. ئۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ كۆمۈر زاپىسىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ، مۇئەييەنلەشتۈردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى ئۈسكۈنىلەرنى ئاسراش، ئېلېكتىر تورى ئەسلىھەلىرىنى سەييارە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، لايىھەنى ياخشى تۈزۈپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ناچار كىلىمات قاتارلىق ئاپەتلەرگە ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇپ، بايرام مەزگىلىدە توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، بولۇپمۇ داۋالاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسپلەرنىڭ توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇساپىسى ئالاھىدە بولدى، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشمۇ مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى-تاشقى مۇھىتقا دۇچ كەلدى، خەلقئارادا ئېنېرگىيە مەسىلىسى گەۋدىلىك بولدى، باھا زور دەرىجىدە داۋالغۇپ تۇردى، دۆلىتىمىزدە بىر مەزگىل يۇقىرى تېمپېراتۇرا بولۇپ، يامغۇر ئاز ياغقاچقا، توك بىلەن تەمىنلەش بېسىمى ئېشىپ كەتتى. ئالاقىدار تەرەپلەر ئورتاق تىرىشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغار كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، كۆمۈر ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى پەسەيتىشىگە مەدەت بېرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا تىرەك بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى قاندۇردى، بولۇپمۇ مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. بۇلتۇر 12-ئايدا مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئاران %1.8 بولدى، بۇ دۇنيا بويىچە پۇل پاخاللىقى يۇقىرى بولغان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، دۆلەت ئىچىدىكى ئېنېرگىيە بىلەن مۇقىم تەمىنلەشنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.

  ئېنېرگىيە ۋە باشقا مۇھىم تاۋارلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى داۋاملىق تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مال باھا سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

  دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەڭشەش-كونترول مەركىزىدە، لى كېچياڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يۈكىنىڭ ئۆزگىرىشى، تەڭشەشنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم نەق مەيداندىكى خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارغا بۇ يەرنىڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈرۈشۈش مەركىزى ئىكەنلىكىنى، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋاقتىدا ھۆكۈم قىلىپ، قىلچە بىخەستەلىك قىلماي ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تاپىلىدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: توك يېتەرلىك بولسا، ئىقتىسادنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولىدۇ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى يېتەرلىك بولىدۇ. چاغاندىن كېيىن يەنىلا قىش پەسىللىك توك ئىشلىتىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، تەڭشەشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سىجىل ئۆرلەيدۇ، توكقا بولغان ئېھتىياجمۇ ئاشىدۇ. ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ مۇناسىپ ئېشىشىنى ساقلاپ، رايون ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى تەڭشەش ۋە تۈرلۈك توك مەنبەلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى پەللىدىكى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. لى كېچياڭ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىغا مۇنۇلارنى تاپىلىدى: ھازىر زىمىستان قىش پەسلى، شىمالدىكى رايونلارنىڭ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىسسىنىشتا ئېنېرگىيە ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشىنى قوللاپ، توك ئىشلىتىشكە ماس كەلسە توك ئىشلىتىپ، كۆمۈر ئىشلىتىشكە ماس كەلسە كۆمۈر ئىشلىتىپ، ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز يەنىلا سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەرلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە تۇرماقتا، ئېنېرگىيە ئاساسنىڭ ئاساسى. ئېنېرگىيە ساھەسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت ۋە داۋاملاشما تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار كۆزلىمىسى ۋە ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ياخشى باشلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  خې لىفېڭ، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ