شى جىنپىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

2023.01.20 02:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى يوللىدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان - ئېسەن بولۇشىنى تىلىدى، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى

  لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ ھەمراھ بولۇپ يوقلىدى ۋە ھال سورىدى

  1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى يوللىدى (بىرىكتۈرمە سۈرەت). □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شيې خۇەنچى، لى تاۋ فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى يوللىدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېنىنىڭ ساغلام، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشى، ئىشلىرىنىڭ روناق تېپىشى، توشقان يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىنى تىلىدى! ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىغا، دۆلەتنىڭ تىنچ، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى!

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ ھەمراھ بولۇپ يوقلىدى ۋە ھال سورىدى.

  باھار بايرىمى يېقىنلىشىپ قالدى، جۇڭگو زېمىنىدا ھەممە جاي بايراملىق خۇشال كەيپىياتقا چۆمدى. 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالىدا خېيلۇڭجياڭ، فۇجيەن، شىنجاڭ، خېنەن، بېيجىڭ، سىچۇەن قاتارلىق جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئامما بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش قىلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملار، پاراۋانلىق ئورنىدىكى ياشانغان دوستلار، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كارخانىلىرىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، گاۋتيې ۋوگزالىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدىكى سودىگەرلەر ۋە ئامما، يېزا - كەنت ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، كۆپچىلىككە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ھال سورىغانلىقىنى يەتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ ئالدى بىلەن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش قىلىپ تېببىي خادىملار ۋە بالنىستتا يېتىۋاتقان ئاغرىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشىگەندىن كېيىنكى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەل كۆرۈش، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، دورا سەپلەش ۋە ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. دوختۇرخانا باشلىقى «جىددىي، ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرىنىڭ سانى ئازىيىۋاتىدۇ، كېسەلخانا، كارىۋات يېتەرلىك، دورا تەييارلىقى تولۇق» دېگەندە، شى جىنپىڭ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئارقىدىنلا، شى جىنپىڭ بالىنىستتا يېتىۋاتقان بىر ياشانغان ئاغرىق بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىنى، پات ئارىدا دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشىنى، ئۆيىگە قايتىپ خۇشال - خۇرام بايرام ئۆتكۈزۈشىنى تىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى يامان ئەلپازدا كەلگەن يۇقۇمدا، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر ئىزچىل تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە كۈندىلىك داۋالاشتىن ئىبارەت ئىككى سەپتە جەڭ قىلىپ، ئۇزاق ۋاقىت يۇقىرى سىجىللىقتا، نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرگە باھار بايرىمىلىق تىلەك يوللىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، بىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارىتا «B تۈردىكى يۇقۇمنى A تۈر بويىچە باشقۇرۇش»نى قاتتىق يولغا قويدۇق، بۇ توغرا تاللاش بولۇپ، كۆپ قېتىملىق ۋىرۇس ئۆزگىرىشىنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرىپ، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىش نىسبىتى ۋە كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى، شۇنداقلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش»نى يولغا قويۇش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يېڭى باسقۇچقا كىردى، يەنىلا مۈشكۈل ۋاقىتتا تۇرۇۋاتىمىز، لېكىن تاڭ نۇرى ئالدىمىزدا، چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە! نۆۋەتتە، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا يۆتكەلدى، مۇھىم نۇقتا ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، دوختۇرخانا ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپە تېخىمۇ ئېغىر. داۋالاش بايلىقىنى يەنىمۇ تولۇقلاپ، داۋالاش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، دورا سەپلىمىسىنى كۆپەيتىپ، بولۇپمۇ ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، نورمال داۋالاش تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېببىي خادىملارنىڭ ئۆز مۇداپىئەسى ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە نۇقتىلىق ئاپپاراتلار، نۇقتىلىق ئورۇنلار، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك داۋالاش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش، دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىشى، يېزا رايونلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى كەمتۈكلۈكلىرىنى تولۇقلىشى كېرەك.

  سىنلىق ئۇلىنىش كۆرۈنۈشى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجوۋ شەھەرلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىغا يۆتكەلدى، پاراۋانلىق ئورنىدىكى ياشانغانلار ۋە پەرۋىش خادىملىرى بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ پاراۋانلىق ئورنىنىڭ تۇرمۇش ۋە داۋالاش شارائىتىنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ياشانغانلارغا ۋاكسىنا ئەملەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى ھەمدە پاراۋانلىق ئورنىدىكى ياشانغانلار بىلەن سالامەتلىك ئەھۋالى، كۈندىلىك تۇرمۇشى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، ئۇلارغا سالامەتلىكىنى ئاسراشنى تاپىلىدى. بۇ يەردە تاماق تۈرىنىڭ مول، دورا زاپىسىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئاساسىي كېسىلى بار ياشانغانلارغا قارىتا ساغلاملىقنى كۈندىلىك كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، بايرامدىن بۇرۇن باھار بايرىمىلىق ماللارنى يېتەرلىك تەييارلىغانلىقىنى بىلگەندە، شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ياشانغانلار ئۆز قولى بىلەن تەييارلىغان قەغەز قىيما «بەخت» خېتىنى چىقىرىپ، باش شۇجىغا سەمىمىي تىلىكىنى بىلدۈردى، شى جىنپىڭ رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، ۋىرۇس يەنىلا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا گەرچە ۋىرۇسنىڭ زەھىرى ئاز - تولا ئاجىزلىغان بولسىمۇ، ئەمما تارقىلىشى تېخىمۇ تېز، يۇقۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، ياشانغانلارغا بولغان خەۋپى ناھايىتى چوڭ، مەن ياشانغان دوستلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمەن، دىققەت قىلىمەن. ياشانغانلار ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، پاراۋانلىق ئورنى قاتارلىق ئاپپاراتلاردىكى خادىملارغا قارىتىلغان مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ساغلاملىق بويىچە باشقۇرۇش تەدبىرلىرى باشقا سورۇنلارنىڭكىدىن قاتتىق بولۇشى كېرەك، توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ياشانغانلار ساناتورىيەسى، پاراۋانلىق ئورنى قاتارلىقلار داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنا ئەملەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغان ئاغرىقلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە گۈزەل ئەخلاقى. بىر جەمئىيەتنىڭ بەختلىك ياكى بەختلىك ئەمەسلىكىدە، ئەڭ مۇھىمى ياشانغانلارنىڭ بەختلىك ياكى بەختلىك ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك. دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدە ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش دەرىجىسى بارغانسېرى ئۆرلەۋاتىدۇ، چوقۇم ياشانغانلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئىشلىرى ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش كەسىپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، بولۇپمۇ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان، چوڭ ياشلىق، ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى مۇۋاپىق تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ياشانغان دوستلارنى باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام، ساغلام، قۇتلۇق ۋە ئىناق ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىغا جايلاشقان جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تارىم نېفىتلىكى دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى 3 - چوڭ نېفىت - تەبىئىي گازلىقى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش»تىكى ئاساسلىق گاز مەنبەسى بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە تۆۋەن ئېقىن لىنىيەسى بويىدىكى 15 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىدىغان تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. شى جىنپىڭ تارىم نېفىتلىكى شىركىتى جەنۇبىي بۈگۈر نېفىت - تەبئىي گاز ساقلاش - توشۇش مەركىزى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1 - پونكىتىنىڭ كېلا تەبىئىي گاز يىغىش رايونى بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش قىلدى. بايرام مەزگىلىدە كۆپچىلىك نۆۋەتلىشىپ دەم ئالالامدۇ؟ سىلەر سىرتتا باھار بايرىمى ئۆتكۈزىسىلەر، باھار بايرىمىلىق ماللارنى تەييارلاپ بولدۇڭلارمۇ؟ باھار بايرىمى مەزگىلىدە، سىلەر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇپ، تەبىئىي گاز بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە قانداق كاپالەتلىك قىلىسىلەر؟ شى جىنپىڭ تەپسىلىي سورىدى، نەق مەيداندىكى خادىملار بىرمۇبىر جاۋاب بەردى. باش شۇجى ئۇلارغا ئىش ئورنىدا ياخشى تۇرۇپ، تەبىئىي گاز بىلەن ياخشى تەمىنلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام، قۇتلۇق ۋە ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەڭ مۇھىم بىخەتەرلىكنىڭ بىرى. ھازىر دۆلىتىمىز قىش پەسلىدىكى ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت «بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆمۈر، توك، نېفىت، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، قاتتىق سوغۇق ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىدا ئېنېرگىيە ئىشلىتىش تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەركەز كارخانىلىرى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى «تۈۋرۈك»، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ پۈتۈن كۈچ بىلەن مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جېڭجوۋ شەرقىي ۋوگزالى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ گاۋتيې ۋوگزاللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە 3 مىليون 370 مىڭ يولۇچىنى توشۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. شى جىنپىڭ سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە تۆمۈريول يولۇچى توشۇش كادىرلىرى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. شەرقىي ۋوگزالنىڭ 1 - ۋوگزال سۇپىسىدا، جېڭجوۋ شەرقىي ۋوگزالىنىڭ ۋوگزال باشلىقى ۋوگزالنىڭ باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش ئومۇمىي ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. شى جىنپىڭ يەنە ۋوگزالنىڭ ھازىرقى كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى قانچىلىك؟ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قانداق؟ باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشتىكى ئامانلىق ساقلاشتا قايسى تەدبىرلەرنى قوللاندىڭلار؟ دەپ تەپسىلىي سورىدى، ئۇلارغا كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، كەڭ يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى. ۋوگزال سۇپىسىدىكى يولۇچىلار باش شۇجىنى كۆرۈپ، بەس - بەستە كۆرۈنۈش ئالدىغا كېلىپ باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ ئۇلاردىن ئۆيىگە قايتىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان ياكى سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىدىغانلىقىنى سەمىمىي سورىدى، ئۇلارغا سەپەر بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يېڭى باسقۇچقا كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش بولۇپ، يولۇچى مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ - ئامان، ساغلام سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇشنىڭ راۋانلىقىغا، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتايىن ناچار ھاۋارايىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈپ تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. سەپەرگە چىقىش نىسبەتەن مەركەزلەشكەن ئىشلىگۈچىلەر ئېقىمى، ئوقۇغۇچىلار ئېقىمىغا مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ باھار بايرىمىدىن بۇرۇن يۇرتىغا بىخەتەر قايتىشىغا، باھار بايرىمىدىن كېيىن ئىش ئورنىغا، مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق قايتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىپ، يولۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇزاقتىن بۇيان، قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلىدى، ئۇلارنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، نۇرغۇن يولداش ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرىدۇ. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىدىكى كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە باھار بايرىمىلىق تىلەك يوللىدى ھەم كەڭ يولۇچىلارنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  شىنفادى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى بېيجىڭ شەھىرىدىكى مۇھىم «كۆكتات»، «مېۋە - چېۋە» بازىرى. شى جىنپىڭ سىن ئارقىلىق توپ سېتىش بازىرىدا داۋاملىق تىجارەت قىلىۋاتقان سودىگەرلەر ۋە باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىۋاتقان ئاممىنى سەمىمىي يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. كۆكتات 1 - رايونىنىڭ ئۈستى ئوچۇق سودا رايونىدا، سودىگەرلەر ۋە نەق مەيداندىكى ئامما قىزغىن چاۋاك چېلىپ، باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. بازار مەسئۇلىنىڭ تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بۇ بىرنەچچە كۈندە بازارنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل سودىگەرلەرنىڭ سودىسىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ يىلقى توپ سېتىش باھاسىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي سورىدى. كۆكتات باھاسىنىڭ مۇقىم، تۈرىنىڭ يېتەرلىك، تولۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم. «كۆكتات»، «ئاشلىق»، «مېۋە - چېۋە» مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى ھېسابلىنىدۇ. بايراملاردا بىخەتەرلىكنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. توپ سېتىش بازىرى ھەم مال مەنبەسىنى كېڭەيتىش، تۈرىنى كۆپەيتىش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەم يېمەكلىك تەكشۈرۈش ۋە بازار باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، پايتەخت شەھەر ئاھالىلىرىنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش، كۆڭۈللۈك ئىستېمال قىلىش ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى زىچ توپلاشقان بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق سورۇن ھېسابلىنىدۇ، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، تىزگىنلەپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يۇقۇم خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر «ئاشلىق»قا ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى، «كۆكتات»قا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىق مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەشيا ئوبوروتى، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى راۋانلاشتۇرۇپ، بايراملىق بازار تەمىناتىنى موللاشتۇرۇپ، مىقدارىنىڭ يېتەرلىك، تۈرىنىڭ تولۇق، سۈپىتىنىڭ ئىشەنچلىك، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  سىچۇەن ئۆلكىسى ميەنياڭ شەھىرى بېيچۇەن چياڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىيى كەنتى ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن قايتا قۇرۇلغان كەنت بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنتكە ئايلاندى. بۇ يەرنىڭ تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك، بۇلۇت ۋە تۇمانلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، «بۇلۇت ئۈستىدىكى تاغلىق كەنت» دەپ تەرىپلىنىدۇ، چارتال، تەيزى چېيى قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلغان، يېزا - كەنت ساياھىتى ناھايىتى جانلانغان، ھەر مىللەت ئامما ئىناق بىللە ئۆتىدىغان بولۇپ، گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە بارلىققا كەلگەن. چوڭ ئېكراندا، ئەنئەنىۋى مىللىيچە كىيىنگەن چياڭزۇ ئاممىسى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەنگەن كۆرۈنۈش نامايان بولدى. شى جىنپىڭ سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە يۇرتداشلارنىڭ، ساياھەتچىلەرنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقان دوستلارغا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان يولداشلارغا باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى يوللىدى. شى جىنپىڭ كەنت كادىرلىرى، ساياھەتچىلەر بىلەن كەنتنىڭ كىرىمى قانداق، باھار بايرىمىدا كەنتكە ساياھەتكە كېلىدىغانلار كۆپمۇ دېگەن مەسىلىلەر توغرىسىدا بىر - بىرلەپ پىكىر ئالماشتۇردى. كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجىغا گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە، ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ - ئادەتكە تايىنىپ، شىيى كەنتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە دېھقانلار ئارامگاھى ساياھەتچىلىكىنىڭ بارغانسېرى جانلانغانلىقىنى ئېيتتى ھەم باش شۇجىنى كەنتكە كېلىپ مېھمان بولۇشقا قىزغىن تەكلىپ قىلدى. شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا - كەنت ساياھىتىنى ياخشى قىلىش كېرەك، سىلەر ناھايىتى ياخشى بىر ئۈلگە. كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىرلىكتە ئورتاق بېيىشقا ئاتلىنىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئەلالاشتۇرۇلۇپ تەڭشەلگەندىن كېيىن، مەن يېزىلار ۋە كەڭ دېھقان دوستلاردىن ئەڭ ئەنسىرىدىم. يېزىلارنىڭ داۋالاش شارائىتى نىسبەتەن ئاجىز، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ، ۋەزىپە ئېغىر. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرغانغا ئوخشاش، «بەش دەرىجىلىك شۇجى»لار يېزىلاردا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتۇشى، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ زىممىسىگە ئېلىپ، يۇرتىغا قايتقان ئىشلىگۈچىلەر ۋە ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى ياشانغانلار، بالىلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، ھامىلىدارلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلار ئاممىسنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشى قوغداپ، ئاممىنىڭ باھار بايرىمىنى تىنچ - ئامان ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئارقىدىن، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئاممىنىڭ قىزغىن چاۋاك ساداسى ۋە ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەر قېتىملىق كاتتا بايرامدا ئۇرۇق - تۇغقانلارنى ھەسسىلەپ سېغىنىمىز». كاتتا باھار بايرىمىدا، مەن ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى تېخىمۇ ئەسلەپ تۇرىمەن. ئىلگىرىكى يىللاردىكى مۇشۇ ۋاقىتتا، مەن دائىم ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئايلىنىپ، كۆپچىلىك بىلەن مۇڭدىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلدا قانداق پىلانلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن باھار بايرىمنى كۈتۈۋېلىش خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولغانىدىم. بۇ يىل سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىنى قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ جاينى كۆردۈم، ھەر تەرەپ، ھەر ساھەلەرنىڭ ھەممىسى بار، گەرچە ئېكران ئايرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما مەن يەنىلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قويۇق بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدىم، كۆپچىلىكنىڭ بەختى ۋە خۇشاللىقىنى ھېس قىلدىم، مېنىڭ قەلبىم كۆپچىلىكنىڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبى بىلەن باشتىن - ئاخىر زىچ باغلانغان! بۇ يەردە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە سەمىمىي سالام يوللايمەن، داۋاملىق خىزمەت ئىش ئورنىدا جاپالىق ئەمگەك قىلىۋاتقان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن!

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باھار بايرىمى ھارپىسى ۋە باھار بايرىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى، ھەممە ئائىلىلەر جەم بولىدىغان، كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدىغان قۇتلۇق كۈن. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشى مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر بايرام مەزگىلىدە توك بىلەن تەمىنلەش، گاز بىلەن تەمىنلەش، پار بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «كۆكتات»، «ئاشلىق»، «مېۋە - چېۋە»نى ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بولۇپمۇ يېڭى باسقۇچتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەر ۋە بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام، تىنچ، قۇتلۇق ۋە ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەن بىر يىل ناھايىتى قالتىس بولدى، شۇنداقلا ئاسانغا توختىمىدى، بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ھەرقايسى سەپلەرنىڭ ھەممىسىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تۆھپە قوشتى، ھەربىر كىشىنىڭ ھەممىسى قالتىس. يېڭى بىر يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل. كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، تېخىمۇ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  ليۇ گوجۇڭ، سۈن چۇنلەن، خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى ھەمراھ بولۇپ يوقلىدى، ھال سورىدى.

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ