مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئانگولا زۇڭتۇڭى لورېنسو بىلەن جۇڭگو - ئانگولا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.01.17 01:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 12 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئانگولا زۇڭتۇڭى لورېنسو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ئانگولا ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر سەمىمىي، دوستانە ئۆتۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىپ، قوللاپ كەلدى. ھازىر، جۇڭگو - ئانگولا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى. مەن جۇڭگو - ئانگولا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ لورېنسو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقلەر ئارا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - ئانگولا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشنى خالايمەن.

  لورېنسو مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئانگولا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى سىجىل راۋاجلىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نەتىجىلەر كىشىنى رازى قىلىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلىلەردىكى كۆزقارىشى بىردەك. ئانگولا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئورتاق نەپ ئالىدىغان كەلگۈسىنى بەرپا قىلىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەش، گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ