مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ۋە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك

ليۇ خې، ۋاڭ يۇڭ، جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى

2023.01.14 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن 1-ئاينىڭ 11-كۈنى مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئاچتى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر، ئۇنى بىردەممۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. 2022-يىلى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەۋپ -خەتەر، خىرىسلارمۇ يەنىلا كۆپ بولدى. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىك خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ۋە تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. دەل جايىدا قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى زور يوشۇرۇن خەۋپلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، قاتناش-تىرانسىپورت، كان، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە خەۋپ -خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ھازىر، دەل يىل ئاخىرى ۋە يېڭى يىل بېشى، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى ۋە دىجورنىلىقنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ خې، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭ، جاۋ كېجىلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلماقتا، تۇراقسىز، ئېنىقسىز ئامىللار بىر قەدەر كۆپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، شۇڭا جەزمەن سەگەك تونۇشنى ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىك خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پىلانلاش، قۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىشقا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، تارماقلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى چىڭىتىش كېرەك. بىخەتەرلىك بىرىنچى، ئالدىنى ئېلىش ئاساس دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، 15 تۈرلۈك قاتتىق تەدبىرنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى قانۇن ئىجرا قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى پۇختىلاپ، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. چاغان، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» قاتارلىق مۇھىم مەزگىللەردە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى ۋە نۆۋەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، يىل ئاخىرى ۋە يىل بېشىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلغانىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ