مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ چېخ زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

2023.01.11 15:50 مەنبە: خەلق تورى

  1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چېخ زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن 10 يىلدا، بىز كۆپ قېتىم كۆرۈشۈپ ۋە تېلېفونلىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو - چېخ مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈردۇق. بىز ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد - سودا، خادىملار ئالاقىسىگە ئورتاق تۈرتكە بولدۇق، چېخنىڭ جۇڭگوغا قىلغان ئېكسپورت سوممىسى ئىككى ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، 2019 - يىلى جۇڭگودىن چېخقا بېرىپ ساياھەت قىلغانلار قېتىم سانى 2013 - يىلىدىكىدىن %250 ئاشتى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - چېخ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، چېخنى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ دەپ قارايدۇ، چېخ تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدۇ، بۇ، مۇقەررەر ھالدا چېخنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق، يۇقىرى سۈپەتلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۆزئارا تولۇقلاش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ياۋروپاغا قاراتقان سىياسىتى مۇقىملىقنى ساقلايدۇ. چېخ تەرەپنىڭ داۋاملىق جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ھەمدە جۇڭگو − ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پائال كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


  زېمان مۇنداق بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چېخ - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسىغا تامامەن قوشۇلىمەن. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان دوستلۇقنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، چېخ - جۇڭگو مۇناسىۋىتى دەرىخىنىڭ بۈك - باراقسان ئۆسۈپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىشىنى خالايمەن. چېخ تەرەپ ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا پائال رول ئويناشنى خالايدۇ.


  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ