مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇردى

2023.01.09 15:21 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇردى:


  بىرىنچى، چىن گاڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.


  ئىككىنچى، جاڭ مىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىقىدىن، ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ فۇ سۇڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىقىغا، ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.


  ئۈچىنچى، ياڭ ۋەنمىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرازىلىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ جۇ چىڭچياۋ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرازىلىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.


  تۆتىنچى، دېڭ شىجۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىقىدىن، ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ خۇ يەنچى (ئايال) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىقىغا، ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.


  بەشىنچى، لى جىمىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېنگال خەلق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛ ياۋ ۋېن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېنگال خەلق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.


  ئالتىنچى، خې يەنجۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كومورو ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ گو جىجۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كومورو ئىتتىپاقىدا
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ