مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى سەردار بەردىمۇھەممەدوف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2023.01.09 15:31 مەنبە: خەلق تورى

  1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى سەردار بەردىمۇھەممەدوف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا سەردار بەردىمۇھەممەدوف ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى


  1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى سەردار بەردىمۇھەممەدوف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ، سىزنىڭ زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىڭىز، بۈگۈن يەنە جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان خاتىرە كۈن، بىزنىڭ جۇڭگو ـ تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق جاكارلىشىمىزنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، تۈركمەنىستان تەرەپ تۈركمەنىستاننىڭ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەسىنى پائال ئالغا سىلجىتماقتا. جۇڭگو ـ تۈركمەنىستان ئىككى دۆلەتنىڭ كۆز قاراشلىرى بىر ـ بىرىگە تۇتاشقان، نىشانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مەنپەئىتى بىر ـ بىرىگە باغلانغان، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ تۈركمەنىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو _ تۈركمەنىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بىر ـ بىرىنى ھۆرمەتلەش، سەمىمىي بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش ئاساسىدا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر ـ بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە تېخىمۇ ياخشى ئېتىبار بېرىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇقنى مۇستەھكەملەيدۇ. ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە دائىر مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئىككى دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو ـ تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. خەلقئارا ۋە رايون يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى خىرىسى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى، بىيوبىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى قوغدايدىغان خەۋپسىزلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجىلىكلەر بويىچە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىنىڭ ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىدىكى خەلق رايى ۋە جەمئىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئالدىن كېڭەيتىشى كېرەك. تەبىئىي گاز ھەمكارلىقى جۇڭگو ـ تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ، تەبىئىي گاز ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش جۇڭگو ـ تۈركمەنىستان ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋە يىراق كەلگۈسى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئىككى تەرەپ مۇھىم، زور تۈر ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش بىلەن بىللە، يېشىل ئېنېرگىيە، تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىش، تېخنىكا جابدۇقچىلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك قېزىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «جۇڭگو ـ تۈركمەنىستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق يىرىك پىلانى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشتىكى يېڭى يول، يېڭى چارىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەمەلىي كۈچى بار تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ تۈركمەنىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللايدۇ. ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئالاقىسىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇردى، بۇ، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغان ھەمكارلىق ئىدىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ھەمكارلىقى ھەمدە ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تۈركمەنىستاندا ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك مەركىزى تەسىس قىلىشنى تېزلىتىشى كېرەك. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى سىجىل قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، لۇبەن ھۈنەرخانىسىنى بالدۇرراق قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئاخبارات، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، 2024 − 2023 ـ يىللىق جۇڭگو _ تۈركمەنىستان ئۆزئارا مەدەنىيەت يىلى پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە مەدەت بېرىش كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو + ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت» ھەمكارلىق مېخانىزمى جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدىغان يېڭى مېخانىزم بولۇپ، ئوچۇق ـ ئاشكارا بولغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان مېخانىزم. جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو + ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت» باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان ئوخشاشلا تىنچلىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۇلار يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولىدىغان سەپەرداش. جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئىجابىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ، تۈركمەنىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.


  سەردار بەردىمۇھەممەدوف مۇنداق بىلدۈردى: تۈركمەنىستان بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 31 يىل بولغان بۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە كۈندە جۇڭگودا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. تۈركمەنىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، قەدىمىي يىپەك يولى ئىككى دۆلەتنى بىر ـ بىرىگە زىچ باغلىدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، بولۇپمۇ 2013 ـ يىلى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان 10 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى كۆپ قاتلاملىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلقلەرنىڭ دوستلۇقى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، دوستانە مۇناسىۋىتى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى. تۈركمەنىستان تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. تۈركمەنىستان تەرەپ جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگونى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. تۈركمەنىستان تەرەپ «يىپەك يولىنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان تۆمۈريول قاتارلىق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. تۈركمەنىستان تەرەپ يەنە جۇڭگو تەرەپ بىلەن مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە داۋالاش، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تۈركمەنىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى ھەم تۈركمەنىستان ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت بېغىشلاشنى خالايدۇ.


  سەردار بەردىمۇھەممەدوف مۇنداق بىلدۈردى: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ تايانچى. تۈركمەنىستان تەرەپ جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. تۈركمەنىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپلىگەن خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدە ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان كۆز قاراشقا ئىگە، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. تۈركمەنىستان تەرەپ «جۇڭگو + ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت» ھەمكارلىق مېخانىزمىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ ھەم ئۇنى تامامەن قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ «جۇڭگو + ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت» باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى پائال قوللاپ، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.


  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ قوشما باياناتى»نى ئىمزالىدى ھەم ئېلان قىلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، سەھىيە، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ئاخبارات تاراتقۇلىرى، تەبىئىي گاز قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.


  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا، سەردار بەردىمۇھەممەدوف ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.


  تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ـ تۈركمەنىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. سەردار بەردىمۇھەممەدوف شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.


  شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا، سەردار بەردىمۇھەممەدوف ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.


  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.


  تۈركمەنىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مېرېدوف قاتارلىق ئىچكى كابېنتنىڭ ئالتە مۇئاۋىن زۇڭلىسى ھەمراھ بولۇپ زىيارەتتە بولدى ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ