مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2023.01.07 13:49 مەنبە: خەلق تورى

  مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى ۋە ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى


  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 1–ئاينىڭ 3-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى ۋە ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ مال باھاسى تەكشى، مۇقىم بولدى، ئاشلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىقلار بىلەن مۇقىم تەمىنلەش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستى، بۇ ئاسان ئەمەس بولۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى، ئېنېرگىيە قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چاغان مەزگىلىدە بازار تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك ۋە باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ دورا ئېھتىياجى ۋە قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


  بىرىنچىدىن، ئاشلىققا ئۆلكە باشلىقى، كۆكتاتقا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، بازارنى تەڭشەشنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەپ، كىچىك ئورالمىلىق ئاشلىق، ماي تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، جەنۇبنىڭ كۆكتاتلىرىنى شىمالغا توشۇش، غەربنىڭ مېۋىلىرىنى شەرققە توشۇشنى كۈچەيتىپ، زاپاس ساقلاشنى مۇۋاپىق تەڭشەش بىلەن بىرگە باشقا، مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەمىنلەش- سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش ۋە خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن داۋالاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق كارخانىلارغا تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، تولۇق ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاپ، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، ئادەم ئىشلىتىش، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردە يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دورا قاتارلىق داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، ئائىلىدىكى ئاغرىقلار، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، يېزا رايونلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن كېسەل كۆرسىتىش ۋە دورا خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئاتچوت قىلىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇش كېرەك. كۆمۈرنىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق قوزغىتىپ، كۆمۈر ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ بايرامدا بىخەتەر، نورمال ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللاپ، ئېنېرگىيە تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، نۇقتىلىق رايون، كەسىپ ۋە كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى چوڭ تومۇرىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، مىكرو ئايلىنىشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ توشۇش كۈچىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، بىرىنچى سەپتىكى كۈچلەرنى تولۇقلىشىنى قوللاپ، تېز يەتكۈزگۈچى، زاكاز تاماق يەتكۈزگۈچى قاتارلىق خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، ئاخىرقى نۇقتىدىكى مۇلازىمەتتە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان توسالغۇلارنى ۋاقتىدا ئېچىپ، چاغان مەزگىلىدە پوچتا تېز يوللانمىسىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، يەرلىكنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بەلگىلىمە بويىچە ۋاقىتلىق باھا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك؛ ئالتىنچىدىن، بازار ۋە باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاۋارنى بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلىش، باھانى بىردىنلا ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك. بىرىنچىدىن، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئەمەلىي، پۇختا تۇتۇش كېرەك. قۇرۇلۇش ساھەسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى تۈرلىرىدە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى دەرھال تۈزىتىپ، چاغاندىن بۇرۇن تولۇق بېرىپ بولۇشقا تىرىشىش كېرەك. كارخانا ھېساباتىدىكى قايتۇرۇۋېلىنغان قەرز پۇلنى ئاۋۋال دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تارقىتىشقا ئىشلىتىش كېرەك. ۋاقتىنچە ھەل قىلىش قىيىن بولغان نېسى قالغان ئىش ھەققىنى يەرلىك ھۆكۈمەت مائاش كاپالەت پۇلى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئوبوروت مەبلىغى قاتارلىق زاپاس مەبلەغلەردىن پايدىلىنىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. سودا، پىششىقلاپ ئىشلەش، ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش كېرەك. ھوقۇقنى قوغداش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىش ھەققىنى قەستەن نېسى قالدۇرۇش قىلمىشىغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىپ، چاغاندىن كېيىن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىش ئورنىغا قايتىشىنى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش -ياردەم بېرىش، ئىشسىزلارغا ياردەم بېرىش ۋە قۇتقۇزۇش–ياردەم بېرىش قاتارلىق مەبلەغلەرنى ۋاقتىدا تولۇق تارقىتىپ، يۇقۇم، ئاپەت سەۋەبىدىن قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىغا ۋاقىتلىق ياردەم بېرىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بىخەستەلىك قىلماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تەكشۈرۈش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئادەم زىچ سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك نۆۋەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ناچار ھاۋارايى قاتارلىقلارغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ قاتناش، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


  يىغىندا باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ